13.02.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.02.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ تۈركىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زائېۋ بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەگەر تۈركىيە بۇ يەرلەرگە ئىگە چىقمىسا، ياۋروپا ھەم مۇساپىرلار كىرىزىسى ھەمدە تېررورلۇق دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە چوڭ بەدەل تۆلەيدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە بىلىنەلمىگەنلىكىنى، تەقدىرلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاكان چاۋۇشئوغلۇنىڭ، «ئامېرىكانىڭ قىلغىنى مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزىدىغان سەۋىيەدىكى پوزىتسىيەدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاكان چاۋۇشئوغلۇنىڭ ت ر ت دە كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا، پېنتاگون) نىڭ 2019-يىللىق خامچوت پىلانىدا، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلەر» دېگەن نامنى قوللانغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك نى تەربىيەلەپ، قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن 300 مىليون دوللار، تەشكىلاتنىڭ قۇردۇرۇلغان چېگرا بىخەتەرلىك كۈچى ئۈچۈن 250 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ھاكان چاۋۇشئوغلۇ: «ئامېرىكا بۇ پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىز بىلىدىغان مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلۈش سەۋىيەسىگە ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدىن بۇرۇن ئىنتايىن مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يا ئوڭشىلىدۇ، ياكى پۈتۈنلەي بۇزۇلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، «يەنە بىر دۆلەت تۈركىيەدىن تىك ئۇچار سېتىۋالىدۇ» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانانىڭ تىك ئۇچار سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۈركىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر