12.12.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

12.12.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ساباھ> گېزىتى»، «بۇ قارارنى ئېتىراپ قىلمىدۇق، قىلمايمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى چىقارغان بۇ قارارى ئارقىلىق قۇددۇستا تۆكۈلگەن بۇ قانغا شېرىك بولدى. بىز بۇ قارارنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدۇق ۋە قىلمايمىز. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ باياناتى بىزگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە ئەمەس، قۇددۇس ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۆزۈڭ چېلىپ، ئۆزۈڭ ئوينارسەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «تۈركىيە (ئىقتىسادىي) ئېشىشتا ياۋروپا ئىتتىپاقى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: تۈركىيە ئىقتىسادى مۇشۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە قوش خانىلىق ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۆت ھەسسىىسىدىنمۇ كۆپرەك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە، 20 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئېشىش نىسبەتلىرى بىلەن دىققەتنى تارتقان خىتاي ۋە ھىندىستاننى ئارقىدا قالدۇردى. تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىكى %5.2 لىك ئېشىشىنى ئۈچىنچى چارەكتە ئىككى قاتلاپ %11.1 گە يەتكۈزگەن.

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «دۇنيانىڭ ئەڭ قاتتىق تۆمۈرىنى تۈركىيە شىركىتى بوردىن ياساپ چىقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: بالىكەسىرنىڭ ئەدرەمىت ناھىيەسىدىكى تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش شىركىتى، بورنى ساپلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى بىلەن ئامېرىكىدىن ئىلىم – پەن مۇكاپاتى ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. «بور كاربۇر» ناملىق بور خام ماددىسىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ قاتتىق تۆمۈر ئىشلەپچىقرىلدى. بور ماددىسىنىڭ ئىنسانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان 11 پەرقلىق بىرىكمىسىنىڭ توققۇزى ئۈستىدە ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغان شىركەت، تەلەپكە لايىق مىكرون ئۆلچىمىگە ئىگە «بور كاربۇر» ناملىق بور تۈرىنى ئىشلەپچىقاردى.

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «مىنىستىردىن تېز پويىز خۇشخەۋىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، شانلىئۇرفاغا تېز پويىز خۇشخەۋىرىنى بېرىپ، «غازىئانتەپ – شانلىئۇرفا تېز پويىز قۇرۇلۇشىنى يانۋار ئېيىدا باشلىتىمىز. شانلىئۇرفا – ماردىن ئارىسىدىكى تېز پويىز قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدەم لاياقەت ئېنىقلاش ھۆددىگەرلىك يىغىنىنى 10 كۈنچە ئىلگىرى ئۆتكۈزدۇق، تەكلىپلەرنى ئالدۇق. ئۇلارنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا» دېدى.

«<ھۆررىيەت> گېزىتى»، «شىۋېتسىيەدە <(بۇ) يىلنىڭ قەھرىمانى> بىر تۈرك ئايال (بولدى) سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «شىۋېتسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم گېزىتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «ئافتونبلادېت» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، غەلىبە قىلغۇچىسى خەلقنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بېكىتىلىدىغان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات «يول باشلىغۇچى» تۈرىدە «بۇ يىلنىڭ قەھرىمانى» مۇكاپاتىغا 7 بالىنىڭ ئانىسى، 63 ياشلىق فاتما ئىپەك ئالجى لايىق كۆرۈلدى. پايتەخت ستوكھولمدا سىياسەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىنىڭ تاللانغان كىشىلىرى ئىشتىراك قىلغان «2017 – يىللىق شىۋېتسىيەلىك قەھرىمانلار» مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان شىۋېتسىيە باش مىنىستىر ياردەمچىسى، قوشۇمچە مائارىپ مىنىستىرى گۇستاۋ فرىدولىن ۋە شىۋېتسىيە مىللىي كوماندىسىنىڭ تېخنىك دىرېكتورى جاننې ئاندېرسون، «يول باشلىغۇچى» تۈرىدە بۇ يىلنىڭ قەھرىمانى بولۇپ تاللانغان فاتما ئىپەك ئالجىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر