تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 18.08.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

792586
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 18.08.2017

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى: خەبەر تۈرك گېزىتى، «باياناتلار ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى لازىم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېلنىڭ تاموژنا بىرىلىكىنىڭ يېڭىلىنىشى ھەققىدىكى باياناتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «<گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان سايلام مۇھىتىدا ئېلان قىلىنغان> دەپ قارىغان ياكى بىز شۇنداق قاراشنى خالىغان باياناتلار ئانچە ئېتبارغا ئېلىنماسلىقى لازىم» دېدى.

ئىبراھىم كالىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈن ياۋروپا ئورگانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تاموژنا بىرلىكى كېلىشىمى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېلىشىمىدۇر. بۇنى توسالغۇغا ئۇچراتقان، چەتكە قاققان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرغان تەقدىردە، يالغۇز تۈركىيەلا ئەمەس، ياۋروپامۇ زىيان تارتىدۇ» دېدى.

ۋەتەن گېزىتى، «ئىران  بىلەن تۈركىيە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىدۇ» سەرلەرھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مۇھەممەد باقىرى، تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە ئىران ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش جەھەتتىن ئىستىخبارات ھەمكارلىقى  ۋە ھەربىي ھەرىكەت ھەمكارلىقى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەربىي ھەمكارلىق ۋە چېگرا مۇداپىئە تېمىلىرىدىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئورتاق مائارىپ ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش تېمىلىرىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئۆزئارا زىيارەتلەردە بولىشىدۇ. ھەربىي مانىۋېرلارغا كۆزەتكۈچى قاتناشتۇرۇلايدىغان بولىدۇ» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، ئابدۇلھەمىت گۈل مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇلارنى ھەمبەھىرلەشتى:

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھەمىت گۈل تېلېفون سۆھبىتىدە، گېرمانىيەلىك مەنسەپدېشى ھېيكوماس بىلەن تەخمىنەن 1 سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىككى دۆلەت ئورتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسلىلەر ۋە ئۆزئارا ئەدلىيە ھەمكارلىقى تېمىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. سۆھبەت ئىنتايىن ئىجابىي مۇھىت ئىچىدە ئۆتتى» دېيىلدى. باياناتتا يەنە ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز كۆرۈشۈش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساباھ گېزىتى، «ھېراكلېسنىڭ جەسەت ساندۇقى 6 - سېنتەبىردە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ» سەلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە شىۋېيىتسارىيە بىلەن ھېراكلېسنىڭ جەسەت ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. جەسەت ساندۇقى  6 – سېنتەبىردە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. 

ھېراكلېسنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ تارىخىي مىلادىدىن ئىلگىرى 2 ئەسىرگە تۇتۇشىدىغان بولۇپ، 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىدە تەۋە بولغان جايغا قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان بولدى. جەسەت ساندۇقى ئانتاليا مۇزىيىدا كۆرگەزمىگە قويىلىدۇ.

جەسەت ساندۇقى رىم دەۋرىگە ئائىت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر 35 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 112 سانىمېتىر كېلىدۇ. 2010 – يىلى جەنەۋەدىكى ئەركىن پورتتا شىۋېيىتسارىيەلىك مەسئۇللارنىڭ تەكشۈرىشى نەتىجىسدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تۈركىيە مائارىپ ۋەقپى (فوندى  جەمئىيىتى) قازاقىستاندا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

تۈركىيە مائارىپ ۋەقپى 2017 – 2018 ئوقۇ - ئوقۇتۇش يىلىدا قازاقىستاندا مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان  بولدى. مائارىپ ۋەقپى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تالگار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە مائارىپ ۋەقپى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور بىرول ئاقگۈن بىلەن دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى باشلىقى زىياتتىن كاسسانوۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، 350 ياتاقلىق بولۇپ، جەمئىي 500 ئوقۇغۇچىغا ئىگە تالگار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، يېڭى مائارىپ يىلى مەزگىلىدە تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تەلىم – تەربىيەسى ئاستىدا بولىدۇ. مائارىپ ۋەقپىسىگە تەۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرس باشلايدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر