تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 11.08.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 11.08.2017

ساباھ گېزىتى «دۇنياغا قوياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئېكىسپورت قىلىدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

ئېنېرگىيە مىنىستىرى  بەرات ئالبايراق تۈنجى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان قوياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشقا كىرىشتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «< Made in Turkey>  يەنى، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات دولقۇنىنى ۋە قوياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى يېقىندا رايونغا ئېكىسپورت قىلىمىز. يالغۇز قارا دېڭىزدىلا ئەمەس، ئاق دېڭىزدىمۇ نېفىت ئىزدەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كېلىمىز. تۈركىيەنىڭ يەر ئاستى ۋە ئۈستىدە بار بولغان بارلىق بايلىقلارنى تېپىپ چىقىمىز» دېدى.

ھۆررىيەت گېزىتى، «تۈركىيە ئاستانەگە ئاتلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە قازاقىستاننىڭ ئېكىسپورت يەرمەنكىسىگە ئاتلاندى. ئاستانەگە يېتىپ بارغان تۈركىيە ھەيئىتىگە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «21 – ئەسىر تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەسىرى بولىدۇ. كېلىڭلار ئارىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلايلى!» دېدى. تەخمىنەن 1000 كۇۋادىرات مېتىرلىق كۆرگەزمەخانا ئاچقان ۋە تۈركىيە كۈنى پائالىيىتى ئۈچۈن ئاستانەگە يېتىپ بارغان ھەيئەتكە، ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە سودا – سانائەتچىلەردىن باشقا يەنە «دىرىلىش ئەرتوغرۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ چولپانلىرى، ئاتاقلىق ناخشىچى بۇراي ۋە ئانادولۇ ئاتىشى ئۆمۈكىنىڭ ئۇسۇل ماھىرلىرىمۇ قاتناشتى. 

سىتار گېزىتى، «ئەرگەنەنى <كۆستەبەك>  قوتقۇزىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى:

تراكيانىڭ 40 يىللىق دەردى بولۇپ كېلىۋاتقان ئەرگەنە پاتقاقلىقىنى تۈزەش ئۈچۈن تۈنجى قەدەم تاشلاندى. ئورمان ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەيسەل ئەرئوغلۇ: «<كۆستەبەك>  ناملىق يەرلىك تونېل ئېچىش ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئەرگەنە دەرياسى بىلەن پۈتۈن ئاستەڭلەر تازىلىنىدۇ. بۇ لايىھە 2019 – يىلى ئاخىرىلىشىدۇ» دېدى. 

خەبەر تۈرك گېزىتى، «629 يىللىق قوڭغىراق ۋانغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىران ئىنسانشۇناسلىق مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان 629 يىللىق قوڭغىراقنى ئەسلى ئورنى بولغان ۋاننىڭ ئەزىز مەريەم چىركاۋىغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قوڭغىراق 1388 – يىلى ۋاندىكى ئەزىز مەريەم چىركاۋىغا ھەدىيە قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئىراننىڭ غەربىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ئۇرۇمىيە شەھىرىدىكى ئىنسانشۇناسلىق مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا ئىدى. ئىران مەدەنىي مىراس، قول - ھۇنەر سەنئەتلىرى ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى مىر ھادى قارا سەييىد رۇميانى قوڭغىراق كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇمىيەدىكى مۇزىينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ يادىكارلىقنىڭ ئەسلى ئائىت بولغان ۋانغا قايتۇرۇپ بېرىلدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ۋەتەن گېزىتى، «گۇلىيېۋ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تېگى ئەرەزەبيجانلىق دۆلەتلىك يېنىك ئاتلىتكا ماھىرىمىز رامىل گۇلىيېۋ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا داۋاملىشىۋاتقان 16 – نۆۋەتلىك خەلقئارا يېنىك ئاتلىتكتا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ 200 مېتىرغا يۈگرەش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. تۈركىيە بۇ ساھە بويىچە تۈنجى دۇنيا چېمپىيونىغا ئايلاندى. رامىل گۇلىيېۋ بۇ ئۇتۇقىنى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرىنى تەڭ ئېچىپ تەبرىكلىدى. يەنە بىر ماھىرىمىز ياسمانى كوپېللو ئەسگوبارمۇ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، تۈركىيەنى تارىختا تۈنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر تۈرى بويىچە چېمپىيونغا ئايلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر