18.05.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

18.05.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەرتۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىدىكى رەسمىي ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتوندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى ۋە: «مەن سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىشىكىمىزنى چېكىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. ھازىر راققەنى قورشاۋغا ئالدى، قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەمما رايوندا تۈركىيە چوقۇم مەيداندا بولىدۇ، سۈرىيەدىمۇ، ئىراقتىمۇ بولىدۇ. تۈركىيەنى قارار بېرىش مېخانىزمىدىن سىرتتا قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى بار. تېررورلۇققا قارشى كۈرەش يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى، بۇ مەسىلىلەر ئۇ يەردىمۇ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يىللاردىن بېرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن سۆزىنى، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسنىڭ قوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرس فىرانسىيە سترازبۇرگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا، «ب د ت نىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئىسلاھاتقا ئېھتىياجلىق. ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلە. ئەزا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، موسكۋادا تۈركىيە فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ساياھەت بايلىقلىرىنى موسكۋادا نامايان قىلىدىغان «تۈركىيە فېستىۋالى» نىڭ 16-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى، تۈركىيە مېھمانسارايلار فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلەشمىسى، تۈركىيە ساياھەت مەبلەغ سالغۇچىلىرى جەمئىيىتى، ساياھەت يېتەكلىگۈچىلىرى بىرلەشمىسى، تۈركىيە مېھمانسارايلار بىرلەشمىسى ۋە رۇسىيە-تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈرك تېلېكوم شىركىتىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان SAP پىروگرامما شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر