25.04.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

720146
25.04.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيە ئارمىيەسى سىنجارغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار تېغى ۋە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قاراقوچاق تېغى رايونلىرىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق تېررورىست نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.

ھۆكۈمەت ئىلگىرى ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ مەۋجۇدىيىتىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ قېتىم باياناتلارنى ئېلان قىلغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ سۈرىيەدىكى «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئاخىرقىسى ئەمەس، باشلانغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ھەرىكەت نىشانىنىڭ ئىراقتىكى تېررور ئۇۋىلىرىنى ۋەيران قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەكىتلىگەنىدى.

ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئابىدىن ئۈنال سىنجار مەسىلىسى توغرۇلۇق توختالغاندا، «سىنجارنىڭ ئىككىنچى قەندىلگە ئايلىنىپ قېلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز، چۈنكى سىنجار ئىراق بىلەن سۈرىيەنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ھالقىلىق رايون» دېگەنىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «15 – ئىيۇلدىمۇ ئۇرۇنۇپ باققان ئىدىڭلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بېرىش ھەم قوللاش ئارقىلىقمۇ تۈركىيە ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالغا ئىلگىرىشىگە توسالغۇ  بولالمىغان ياۋروپا، شەرمەندىلەرچە چاقىرىقلاردا بولۇشقا باشلىدى.

فىرانسىيەلىك سىياسەتشۇناس فىلىپ مورېيو دېفارگېس جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ سۇيىقەست ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇنداق شەرمەندىلەرچە چاقىرىقى ياۋروپادىكى ئەردوغانغا بولغان دۈشمەنلىكنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

دېفارگېس تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ئالدىدا كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدى. ئەردوغاننىڭ ئادۋۇكاتى ھۈسەيىن ئايدىن ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە دېفارگېس ئۈستىدىن ئەرز سۇندى ھەمدە ئەردوغان دۈشمەنلىكى مەسىلىسىنىڭ پەقەت قانۇنشۇناسلارلا ئەمەس، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەگەر دېفارگېسقا روھىي جەھەتتىن ساغلام دەپ دىياگنۇز قويۇلغان تەقدىردە، ئۇنىڭ پ ك ك ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئەردوغانغا سۇيىقەست ئىشلىتىش توغرۇلۇق كىملەرگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى تەلەپ قىلىندى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چاناققەلئە ئۇرۇشى ئار – نومۇس، ۋەتەن ۋە خەلقنى قوغداش ئۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرى زەپىرى تەنتەنىلىك ھالدا خاتىرىلەنمەكتە. چاناققەلئەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشقان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چاناققەلئە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ياشلارنىڭ ھەم ھايات – ماماتلىق ئۇرۇشى ھەم ئار – نومۇس، شان – شەرەپ، ۋەتەن، خەلق ۋە پەزىلەت ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان ئۇرۇشىدۇر. 1915 – يىلدىن كېيىن يېتىشكەن بارلىق ئەۋلادلار بۇ مەنىۋى خەزىنىمىزگە چىن دىلىدىن ساھىب چىقىشى ۋە ئۇنى كېلەچەككە ئامانەت قويۇشى شەرت.»

ئۇ يەنە، مەڭگۈ ئۆچمەس ئىبرەت ۋەسىقىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە شان - شەرەپ بىلەن تولۇپ تاشقان چاناققەلئە زەپىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىش مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەممە كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى بارلىق زامانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

چەت ئەللەردىكى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى تۆۋەنلەش ۋە دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

ئىندېكس 4 يىل بۇرۇنقى 93 مىڭ 398 نومۇردىن ھالقىپ، يېڭى سەۋىيەگە يەتتى. فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەسلىكى ۋە دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى 100 ئىندېكسى 93 مىڭ 802 نومۇرغىچە يۈكسەلدى. بارلىق كۆرسەتكۈچلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چاكىرىدىن ئېتىبارەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم قەدەم تاشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

دۇنيادىكى نېفىت ۋە تەبىئىي  گازنىڭ % 60 ىتىدىن كۆپرەكى تۈركىيەنىڭ يېقىن ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيە بۇ دائىرىدە ئېنېرگىيە كارىدورى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئكتىپچانلىق بىلەن تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتىنىڭمۇ ئاقدېڭىزدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدۇر. بۇ رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تېپىلغۇسى نېفىت ۋە تەبىئىي  گاز ئېنېرگىيە زاپاسلىرىنىڭ تۈركىيەگە يۈزلىنىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدىكەن. ئىسرائىلىيە، سۈرىيە، لىۋان، مىسىر ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېنېرگىيە كارىدورىدا نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان رايوندا تۈركىيە بۇ قەدىمى ئارقىلىق تېخىمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدىكەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر