20.04.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

716918
20.04.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان سايلام ساندۇقىدىن مۇستەبىت چىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قانداق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى خالايدىغانلىقىنى 1923 – يىلى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئارقىلىق بېكىتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر تۈزۈلمىنى تاللىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق تاشلانغان قەدەم پەقەت يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈمىدۇر.»

خەلق سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھەرگىزمۇ مۇستەبىتلىك بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «سايلام ساندۇقىدىن ئەسلا دىكتاتور چىقمايدۇ، چۈنكى دىكتاتور دېگەن سايلام ئارقىلىق ئەمەس، قوراللىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدۇ، تۈركىيەدە 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى غەلىبە قىلغان بولسىدى، ئۇ چاغدا بۇ دۆلەتنى بىر دىكتاتور تەھدىتى قاپلاپ كەتكەن بولاتتى، ئەمما خەلقىمىز جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇردى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىنى سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىش يولىنى تاللىدى» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە قايتىدىن چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

16 – ئاپرېل رېفېراندۇمىدىن كېيىن تۈركىيە دىققىتىنى چېگرا سىرتىدىكى تېررور ئۇۋىلىرىنى يوقىتىشقا مەركەزلەشتۈردى. «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋامى بولىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى.

سۈرىيە ۋە ئىراقتا پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى 3 رايونغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. پ ك ك نىڭ تېررور كارىدورى لايىھەسىنى پۈتۈنلەي ئەخلەت ساندۇقىغا يوللايدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانىغا ئالاقىدار دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارمۇ داۋاملاشماقتا.

سۈرىيەدە ئىراقتىكى ئىككى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىشانلارغا يۈرۈش قىلىدىغان قىسىملار تەييار ھالەتتە تۇرماقتا.

«‹ستار› گېزىتى»، «گېرمانىيە – فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى بايانلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ساھەسىگە ئايلىنىپ قالدى. ياۋروپا ئەللىرىدە بۇ تەشكىلاتلار مەخپىي ياكى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قوللاش ھەم ياردەمگە ئېرىشمەكتە.

گېرمانىيە بولسا بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا. بولۇپمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن تولۇق مەنىدە بىر بازىغا ئايلانماقتا. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررور يۈزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «گېرمان دىيالوگ مۇكاپاتى» نىقابى ئاستىدا گېرمان خەلقىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىگە دىيالوگ مۇكاپاتلىرى تارقاتماقتا ھەمدە بۇ مۇكاپاتلار سايىسىدا گېرمانىيەدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە، بۇنى ئىشقا سېلىپ دۆلەتتىكى مۇھىم ئورۇنلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بىيۇروكراتىيە جەھەتتىن دۇچ كەلگەن توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چەت ئەللىكلەر ئالانيادىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت ھەپتىلىكىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان يەرلىك چەت ئەللىكلەر تۆت تىلدا ئېلان قىلغان بايانات ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئالانيادىن خۇرسەن ھەم خاتىرجەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. جۈملىدىن ئالانيانىڭ گويا ئارزۇلۇق چۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ناھىيەنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككىىنچى ۋەتىنى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۈركىيە، تەبىئىي  مەنزىرىسى، ئىقلىمى، تارىخ ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى بىلەن، مېھماندوستلۇقى بىلەن، ئاق كۆڭۈل خەلقى بىلەن ساياھەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن جەزبىدارلىق مەركەز ھېسابلىنىدۇ. چەت ئەللىكلەر بىردەك، تۈركىيە ساياھەت جەھەتتىن ئەرزان، ئەلا مۇلازىمەت جەھەتتىن رەقىبسىز بىر دۆلەت، دەپ قارىماقتا.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ت ر ت نىڭ رېكورت ياراتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرى تىرىلىش ئەرتۇغرۇل ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى گۈللىنىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىنىڭ مەسئۇلى ھىممەت قاراداغ، «ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز، داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كۆۋرۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھەلەردىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ بەھرىمەن قىلىدىغان خىزمەت مىخانىزمىنى تۇرغۇزىمىز» دېدى.

قاراداغ بۇ نۇقتىدا ت ر ت دە قويۇلۇۋاتقان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىدا ئاپتوموبىلمۇ ساتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن قاراداغ، تەلەپ قىلغانلارنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىلنىڭ كىرىم – چىقىم ئىشلىرىغا شېرىك بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر