06.03.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

685475
06.03.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ستار> گېزىتى»، «مەن خالىسام، ئەتىلا كېلىمەن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدە تۈرك مىنىستىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈۈزشكە ئالاقىدار ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلماسلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، <گېرمانىيە دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىۋاتىمەن، دېموكراتىيەگە ئىشەنگەن دۇنياغا خىتاب قىلىۋاتىمەن؛ ئەگەر ئەركىنلىك كۈرىشى قىلىدىغان، پىكىر ئەركىنلىكىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمايدىغان، دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغان بولساق، بىزنىڭ يولىمىزنى ھېچكىم تورىيالمايدۇ. بۇ مۇشۇنداق بىلىنىشى لازىم. مەن، گېرمانىيەدە ناتسىستلار تۈگىدى، دەپ ئويلايتتىم، بىراق ھېلىھەم داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ھازىر ئۇلار تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەگە كېلەتتى، دەپ ئويلاۋاتىدۇ. مەن خالىسام ئەتىلا بارىمەن. بارغىنىمدا ئىشىكتىن كىرگۈزۈلمىسەم ياكى سۆز قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىنمىسا، مەن دۇنيانى قوزغىتىمەن> دېدى. »

«<ۋەتەن> گېزىتى»، «ياۋروپاغا بارىمىز، (ئۇلار) بۇنى توسۇپ قالالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەدىن باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ <قوللاش> سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى. چاۋۇشئوغلۇ، <بېرىپ، خەلقىمىز بىلەن ئۇچرىشىمىز. بۇنى نە PKK خائىنلىقى، نە خەلقىمىز بىلەن بولغان كۈچلۈك رىشتىمىزدىن بىئاراملىق ھېس قىلغۇچىلار توختىتالمايدۇ. دېموكراتىك ھەققىمىزدىن ھەممە يەردە پايدىلىنىمىز. ئۇلار تۈركىيەگە كېلىپ قانداق پايدىلانغان بولسا، مەنمۇ بېرىپ پايدىلىنىمەن. نېمە دېيىشلىرىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلاردىن قورقمايمىز، بوشىشىپ قالمايمىز> دېدى.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «سۈپۈرۈش ھەرىكىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ چوڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى. 10 كۈن داۋاملىشىدىغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە 17 تىك ئۇچار ئايروپىلان، 7 مىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكىرى، 600 ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچىسى ۋە 559 مۇۋەققەت يېزا مۇھاپىزەتچىسى قاتناشماقتا. قار قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن تاغلىق رايوندا ئۇتۇقلۇق داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن PKK تېررورچىلىرى ئارىسىدا پات – پات ئېتىشىش يۈز بەرگەنلىكى، بەزى تېررورچىلارنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.»

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «تۈركسات 6-ئا يەرلىك ۋە مىللىي بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلان، <تۈركسات 6-ئا> نى پۈتۈنلەي مىللىي ۋە يەرلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى قانۇنىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە يوللانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئارسلان، <تۈركىيە ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىشلەپ چىقىرىدىغان، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدىغان ۋە بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، سۈنئىي ھەمراھ ئېكسپورت قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىشنى خالايمىز> دېدى.»

«<ساباھ> گېزىتى»، «تۈركىيەدە سۈرئەت بىلەن زورىيىۋاتىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ (تۈركىيەگە) قىزىقىشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. 137 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۆكتەبىر ئېيىدا تۈركىيەگە كىرگەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە تورى - نېتفلىكس، ياۋروپا بازىرىغا ئالاقىدار نىشانلىرىنى ئېلان قىلدى. 93 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار نېتفلىكس شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رېد ھاستىڭس، ئۆتكەن ئالتە ئايلىق جەرياندا تۈركىيە بازىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. <تۈركىيەگە كىرگەنلىكىمىزدىن ۋە قولغا كەلتۈرگەن زورىيىش نىسبىتىدىن ئىنتايىن خۇشالمىز> دېگەن ھاستىڭس، مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر