11.06.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

90335
11.06.2014

ھۈررىيەت گېزىتى تۈركىيە ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2014-يىلنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە 4.3% زورايغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئىقتىسادنىڭ 4% زورىيىشىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان گېزىت، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە ئېكسپورت ۋە دۆلەت چىقىملىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكىنى ۋە ئېكسپورتنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 11.4% ئېشىشىنىڭمۇ ئىقتىسادنىڭ زورىيىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى يازدى.
يېڭى شەپەق گېزىتى رۇس تەرەپدارلىرى بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى توقۇنۇشىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك شەھرىدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ بالا-چاقىلىرىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىۋەتكەنلىكلىرىنى، دونېتسىكتە ئىشلەۋاتقان 10 نەپەر تۈركنىڭ ئىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ جاينى تاشلاپ كېتەلمەيدىغانلىقلىرىنى، بىراق بالا-چاقىلىرىنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكۈۋېتىشلىرىنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئاكشام گېزىتى 8مىليون يىللىق غاردا ئىنسان شولىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى يازدى. گېزىت تىرابزون ۋىلايىتىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان يەر جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان غار بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە چال غارىدا بىر قىيانىڭ ئىچىدىن ئىنسان شولىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، 8 مىليون يىلدا شەكىللەنگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان غارنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئىنسان يۈزىنىڭ بۇرۇن، ئېغىز، زاڭاق ۋە كۆز قىسىملىرىنىڭ ئېنىق كۆرىنىدىغانلىقىنى يازدى. خەۋەردە بۇ ئىنسان شولىسىنىڭ قەدىمى دەۋىرلەردە باشقا مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن قىياغا چۈشۈرۈپ چۈشۈرۈلمىگەنلىكى، ياكى ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىپ شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ساباھ گېزىتى تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈركۆك لايىھەسى دائىرىسىدە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ قان ئىنائە قىلغۇچىلارنىڭ خالىسانە قان تەقدىم قىلىشى بىلەن توپلىغان 4 مىليون 500مىڭلىق قان مىقدارىنىڭ، كۆك ھۈجەيرە ساقلاۋاتقانلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ساباھ گېزىتىنىڭ يەنە بىر خەۋىرى تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، 2014-يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك كوماندىسىنىڭ ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پۇتبولچىلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان گېرمانىيەدىكى «تىرانسگېرماركت» ناملىق تور بېتىدە ئورۇن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چولپان كوماندىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە تىئىرنېرلىكىنى ۋىكېنتې دېل بوسكىىيۇ ئۈستىگە ئالغان ئىسپانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 622 مىليون ياۋرو قىممىتىگە، گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ 562 مىليون ياۋرو قىممىتىگە، بىرازىلىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ بولسا 467 مىليون ياۋرو قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.
رادىكال گېزىتى تۈرك كۈتۈپخانىچىلار جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە نەشىرىياتچىلار ئۇيۇشمىسى سوماغا بېرىپ بالىلارغا كىتاب سوۋغا قىلغانلىقلىرىنى يازدى. گېزىت، سوما مەركىزى بىلەن يېزىلىرىدىكى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ بالىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھەيئەتنى نۇرغۇن نەشىرىيات ئورۇنلىرىدىن سىرت ئەدەبىياتچىلارنىڭمۇ قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. خەۋەردە مانىسانىڭ سوما ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا 13-مايدا ئوت ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 301 ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر