ئۆزبېكىستاندا ھۆكۈمەت كابېنت ئەزالىرىنىڭ سانى قىسقارتىلدى

ئۆزبېكىستان مىنسىتىرلار كېڭىشىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مۇئاۋىن باش مىنسىتىرلارنىڭ سانى 8دىن 5كە تۆۋەنلىتىلدى.

ئۆزبېكىستاندا ھۆكۈمەت كابېنت ئەزالىرىنىڭ سانى قىسقارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە بىلەن،  مىنسىتىرلار كېڭىشىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان مۇئاۋىن  باش مىنسىتىرلارنىڭ سانى 8دىن 5كە تۆۋەنلىتىلدى.

باش مىنسىتىرنىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىنى ئەلچىبەي راماتوۋ بولدى. مائارىپ، سەھىيە ۋە ساياھەتچىلىك ساھەلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەزىز ئابدۇھەكىموۋ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى جەمشىد كوچقاروۋ، ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنسىتىر تانزىلا ناربايېۋا قاتارلىق شەخسلەر ئالماشتۇرۇلمىدى.

يېقىلغۇ –ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنستىر ئەلىشىر سۇلتانوۋ بولسا ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى.

ئۆتكەن ھەپتە پىرېزىدېنت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامە بىلەن مۇئاۋىن باش مىنسىتىر سۇھراب خالمۇرادوۋ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، ئورنىغا پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى ئەلىيار غانىيېۋ تەيىنلەنگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر