ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پارىژدا كۆرۈشتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياۋرو بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوخراب مناتساكانيان پارىژدا كۆرۈشتى.

ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پارىژدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمار مەمەدياۋرو بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوخراب مناتساكانيان تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە چارە تېپىش مۇساپىسى دائىرىسىدە فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا كۆرۈشتى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ، ئاساسلىقى ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ۋە ئىشەنچ مۇھىتى يارىتىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە پايدىلىق ۋە ئىجابىي پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، تەرەپلەر تېز ۋە ئۈنۈم ئېلىشنى نىشان قىلغان سۆھبەتلەرنىڭ ئالدىمىزدا ئايدا داۋاملاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تەرەپلەر ھەر ئىككى تەرەپتىكى كىشىلەرنى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇچرىشىشقا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرى رۇسىيەلىك ئىگور پوپوۋ، فىرانسىيەلىك ئىستېفان ۋىسكونتى، ئامېرىكىلىق ئادنرېۋ سكوفېر ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلى ئاندرزېج كاسپرزىيكمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر