ئىراق پىرېزىدېنتى: تۈركمەنلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار

ئىراق پىرېزىدېنتى بىرھەم سالىھ بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىراقلىق تۈركمەنلەرنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىراق پىرېزىدېنتى: تۈركمەنلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتلىشىچە، پىرېزىدېنت سالىھ پايتەخت باغدادتا ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپىنىڭ باشلىقى ئېرشېت سالىھى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغان. دۆلەتتىكى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، سالىھ تۈركمەنلەرنىڭ ئىراقتىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئىراقلىق تۈركمەنلەرنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ۋە قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش  مەسئۇلىيىتى بار. ھەر مىللەت خەلقىمىزنىڭ ئىناق ۋە بىرلىكتە تىنچ ياشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي تەرەپلەر ئارا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر دىيالوگ ۋە ئورتاق ئاڭ چىقىش نۇقتا قىلىنغان ئاساستا ھەل قىلىنىشى كېرەك.»

ئۇچرىشىشتا، تۈركمەن ھەيئەتمۇ ئىراقنىڭ مىللىي بىرلىكىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ پىروگراممىسىمىنى قوللاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر