ئاستانادىكى دوستلۇق ئۆيى قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيەتلىرىگە قۇچاق ئاچماقتا

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى دوستلۇق ئۆيى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ گۈللەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنى تارقىتىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئاستانادىكى دوستلۇق ئۆيى قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيەتلىرىگە قۇچاق ئاچماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى دوستلۇق ئۆيى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تۈرك، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، ئۇيغۇر، ئازەرى، تاتار ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئانا تىللىرىنى، ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ گۈللەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنى تارقىتىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

دوستلۇق ئۆيى ئاستانانىڭ پايتەخت بولۇشىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكەن يىلى مانگىستاۇ ئۆلكىسى تەرىپىدىن سالدۇرۇلغانىدى.

قازاقىستان خەلق ئانسامبېلى قارمىقىدىكى 22 ئېتنىك جامائەت دوستلۇق ئۆيىدە ئاچقان كۈلتۈر مەركەزلىرى ئارقىلىق ئانا تىللىرىنى، كۈلتۈرلىرىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تونىتىدۇ.

دوستلۇق ئۆيى بىناسىدا كۆرگەزمە زاللىرى، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشخانىلىرى، يىغىن زالى، مۇزېي ۋە تاماق زالى بار.

تۈرك، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، ئازەرى، تاتار، ئۇيغۇر، چېچەن، تۇنگان، بۇلغار، بېلارۇس، كورېيە ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ كۈلتۈر مەركەزلىرى، بۇ يەردە بارلىق كىشىلەرگە ھەقسىز تىل ۋە ئۇسسۇل ئۆگىتىدۇ.

ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئەينى ۋاقىتتا دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى سايىسىدا ئانا تىللىرى، كۈلتۈرلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ياشناتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر