نىيۇ جېرسىدا بىر تۈرك رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بولدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ جېرسى ئىشتاتىغا قاراشلىق چاتام رايونىنىڭ باشلىقلىقىغا، 15 يىلدىن بېرى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئەسلى تۈركىيەلىك تايفۇن سەلەن سايلاندى.

نىيۇ جېرسىدا بىر تۈرك رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پۇقراسى ۋە 2017-يىلدىن تارتىپ چاتام رايونلۇق ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان تايفۇن سەلەن، كومىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى.

تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى كونسۇلخانىسى تۋىتتېر بېتىدە، تايفۇن سەلەننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى خەۋىرىنى تارقىتىپ ھەمبەھىرلىدى. ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى:

«نىيۇ جېرسىغا قاراشلىق چاتام رايونىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان ھۆرمەتلىك تايفۇن سەلەننى تەبرىكلەيمىز، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى تىلەيمىز.»

بۇنىڭدىن بۇرۇن چاتام رايونلۇق ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ تۇنجى تۈرك ئەزاسى ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان تايفۇن سەلەن، بۇ قېتىم ئامېرىكادا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان تۇنجى تۈرك بولۇپ قالدى.

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان چاتام رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باشلىقى كۇرت رىتتېر، سايلامدا نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. چاتام خەلقى قانۇننىڭ تەلىپى بويىچە ئۈچ ئەزادىن بەش ئەزاغىچە بولغان ھۆكۈمەت كومىتېتىنى سايلايدۇ. كومىتېت بولسا، رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولغان ۋە 15 يىلدىن بۇيان چاتامدا ياشاۋاتقان تايفۇن سەلەن، ئىستانبۇل پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىناكارلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن. نىيۇ جېرسىدىكى مونتكلېيىر ئۇنىۋېرستېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگېستىرلىقتا ئوقۇغان بولۇپ، «Lincold Educational Services» نامىلق مەكتەپنىڭ كېڭىشىدە پېشقەدەم مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

تايفۇن سەلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، بىر پەرزەنتى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر