ئۆزبېكىستان چىقىش ۋىزىسى تۈزۈمىنى بىكار قىلدى

ئۆزبېكىستاندا 1 – يانۋاردىن باشلاپ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش ئىجازىتى ھېسابلىنىدىغان چېگرادىن «چىقىش ۋىزىسى» تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئۆزبېكىستان چىقىش ۋىزىسى تۈزۈمىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ، 2017 – يىلى ئاۋغۇستتا چەت ئەلگە چىقىش ئىجازەت ۋىزىسى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى بىر پاسپورت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارارنامەنى ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر قارارنامەگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەلگە چىقىش ۋىزىسى تۈزۈمى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىدىغان ئۆزبېكىستان پۇقرالىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئالىدىغان ئىككىنچى بىر پاسپورتنى ئىشلىتىدىكەن.

باياناتتا، ئۆزبېكىستان ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بېرىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان چەت ئەلگە چىقىش ۋىزىسى تۈزۈمى 1995 – يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قلىندى.

يېڭى تۈزۈم بويىچە، چەت ئەلگە چىققۇچىلار ئالىدىغان ئىككىنچى پاسپورت 16 ياشتىن چوڭلارغا 10 يىللىق، 16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە 5 يىللىق بېرىلىدىكەن.

ئۆزبېكىستاندا ھازىرغىچە پاسپورتلار ھەم دۆلەت ئىچىدە كىملىك ئورنىدا، ھەم چەت ئەلگە چىققاندا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتاتتى.

خەلق چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىن پاسپورتلىرىغا 2 يىل ئىناۋەتلىك چەت ئەلگە چىقىش ۋىزىسى قويغۇزاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر