قازاقىستان ئېلېكترونلۇق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى

قازاقىستان 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ بىرلا قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ئېلېكترونلۇق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

قازاقىستان ئېلېكترونلۇق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ۋىزا بىلەن پەقەت ئاستانا ۋە ئالمۇتا شەھەرلىرىدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇملاردىن دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىپ – چىقالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، ئېلېكترونلۇق ۋىزىنىڭ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان 117 دۆلەت پۇقراسىغا، داۋالىنىش ئۈچۈن كېلىدىغان 23 دۆلەت پۇقراسىغا بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر