شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 3 جانغا زامىن بولدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 3 جانغا زامىن بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى كۈندىن بۇيان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۆي، ئىش ئورنى ۋە ئاپتوموبىللار زىيانغا ئۇچرىدى.

كىچىدە لەفكوشا - گىرنە يولىدىكى جىكلوس دېگەن جايدا بىر ئاپتوموبىل سەلدە ئېقىپ، دوغانكۆي دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە ئاپتوموبىلدىكى 3 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.

يوقۇلۇپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

گىرنەدە مېھمانخانىدا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئاپتومبىللىرى بىلەن قۇتقۇزۇلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مېتېئورولوگىيە باشقارمىسى بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇرنىڭ تەسىرىنىڭ بۈگۈن كىچىدە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ ھۇشيار بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

مەكتەپلەرمۇ بۈگۈن ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى توختاتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر