مىنىستىر تۇرھان ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت جاھىت تۇرھان ئەزەربەيجاندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

مىنىستىر تۇرھان ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر تۇرھان 24 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇچۇر – ئالاقە، يېڭىلىق ۋە ئىلغار تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجاندا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىرانسپورت ساھەسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، بۇلتۇر پائالىيەتكە ئۆتكەن باكۇ – تىفلىس – قارىس تۆمۈر يولى لايىھەسىنىڭ، پەقەت رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ كەڭ ساھەلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا بۇ ساھەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى،  ھەر  ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر تۇرھان، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى، ئەزەربەيجاندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئۈچۈن ئېيتقان «بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت» سۆزىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى، ئەزەربەيجان قۇدرەت تاپسا تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇھىم لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر