قازاقىستان ئامېرىكىدىن 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

قازاقىستان ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى.

قازاقىستان ئامېرىكىدىن 2 سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئاۋېئاتسىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «KazSTSat» ۋە «KazSciSat-1» ناملىق سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن «Falcon 9» تىپلىق راكىتا بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ تۆۋەن قاتلام ئوربىتە ئالەم كېمىلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى، قۇراشتۇرۇلىشى ۋە سىناق قىلىنىشى ئۈچۈن تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشىدا شۇنداقلا ئىئونىسفېردا قەۋىتىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر