سۈرىيە تۈركمەنلىرى

سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۈچۈن يېڭى باسقۇچ.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى

سۈرىيە تۈركمەنلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۆتكەن كۈنلەردە سۈرىيەنىڭ چوبانبەگ رايونىدا مۇھىم يىغىن چاقىردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ بۇ يىغىنى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ 2011 – يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان «شان - شەرەپ ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى» يېڭى باچقۇچقا قەدەم قويدى. سۈرىيە تۈركمەنلىرى سۈرىيەدىكى ئىچكى سىياسىي ۋە ھەربىي تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئېتىبارى بىلەن نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى مۇھىم ئاكتىيورلاردىن بىرىگە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيە تۈركمەنلىرى ۋە سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولغان سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى ھەم سىياسىي ھەم دىپلوماتىك جەھەتتىن سۈرىيەدە تۈركمەن خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە كېلەچىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا سۆھبەت ئۈستىلىگدە بولۇش ئۈچۈن  كۈرەش قىلماقتا.

سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ھەم رايونلۇق ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسىي مۇنبەرلەردىكى ئەڭ مۇھىم نىشانى؛ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پىرىنسىپى دائىرىسىدە تۈركمەنلەرگە تۈزۈلگۈسى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئىچىدە سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، قوغدايدىغان ۋە كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان بىر قانۇنىي سالاھىيەت قازاندۇرۇشتۇر. بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان تەلەپ، سۈرىيە تۈركمەنلىرىگە «دۆلەت قۇرغۇچى خەلق» سالاھىيىتى بېرىلىشىدۇر.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى بۇ نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا سۈرىيەدە ئىچكى مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى يېقىندا جامائەتچىلىككە ئېلان قىلدى. سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى بىردىنبىر قىزىل سىزىقى، سۈرىيەنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئەسلا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماسلىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان رادىكال دىنىي/ئېتنىك ئاكتىيورلارنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى بەلگىلىنىدىغان يىغىنلارغا تەكلىپ قىلىنماسلىقى توغرا بولىدۇ.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ھەر تۈرلۈك بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە گۇرۇپپىلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ توغرا پوزىتسىيەدۇر. چۈنكى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىرقاتار ئېتنىك/دىنىي گۇرۇپپىلارغا فېدېرال/ئاپتونومىيەلىك سالاھىيەت بېرىلىشىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاىرىدىغانلىقى ئىراقتا ھەممىگە ئايان بولدى. ئىراقتا دائېشنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبمۇ مۇشۇ ئىدى. تۈركمەنلەرنىڭ ھەرقانداق بىر فېدېرال/ئاپتونوم رايونلۇق سالاھىيەت بېرىلىش تەلىپى يوق. چۈنكى ئۇلار بۇنى دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشى دەپ قارايدۇ.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئۆزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقلەرنىڭ ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى كاپالەت ئاستىغا ئىگە قىلىدىغان بىر دۆلەت مودېلى پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سۈرىيەدە تېررورچىلاردىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردا كۈندىلىك ھايات تېزلىك بىلەن نورماللاشماقتا، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورايماقتا. بۇنىڭ بىر ئۈلگىسىنى ئۆتكەن كۈنلەردە كۆردۇق. سۈرىيە تۈركمەنلىرى؛ سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سۈرىيەنىڭ چوبانبەگ شەھىرىدە يىغىن چاقىردى. يىغىنغا ھەلەب، ئىدلىب (بايىربۇجاق)، رەققە، ھاما، ھۇمۇس، تارتۇس، دېرئە، گولان ۋە دەمەشق تۈركمەنلىرىگە ۋەكالىتەن 250 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تۈركمەنلەر ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك بايراقلارنى ئىشلىتىۋاتاتتى. تۈركمەن خەلقى يېقىندىن بۇيان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئىچىدە كۈچلۈك ۋەكىللىك قىلىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش تەلىپىنى تۈرلۈك مۇنبەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتاتتى. سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ  مۇھىم ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسى بۇ تەلەپلەرنى دېموكراتىك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.

يىغىنغا سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى؛ سۈرىيە تۈركمەنلىرى جەمئىيىتىنىڭ جامائەت ئەربابلىرى؛ سۈرىيە تۈركمەنلىرى ھەربىي گۇرۇپپىلارنىڭ قوماندانلىرى، سۈرىيە تۈركمەنلىرى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يەرلىك سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

9 بايراق ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بايراق تاللاش سايلىمىدا، كۆپ سابلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن تاللانغان سۈرىيە تۈركمەنلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بايرىقى سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ئورتاق بايرىقى قىلىپ بېكىتىلدى. بايراقتىكى كۆك رەڭ تۈركلۈكنى، قىزىل رەڭ شېھىت قانلىرىنى، ئاق رەڭ بولسا مۇقەددەس ئىنسانىي قىممەتلەرنى سىمۋول قىلىدۇ. بايراقتىكى ھىلال بىلەن يۇلتۇز بولسا ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رايوندىكى ھۇزۇر ۋە ئامانلىقنىڭ ئىشارىتى بولغان بۇ يىغىندىن كېيىن، تۈركىيەدىن رايونغا قايتىدىغان كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى كۈتۈلمەكتە.

قەدىمدىن تارتىپلا سۈرىيە جۇغراپىيەسىدە ياشاپ كەلگەن خەلقلەردىن بىرى بولغان تۈركمەنلەر 7 – ئەسىردىن بۇيان بۇ رايوندا ياشىماقتا. تۈركمەنلەر سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن بولۇپ، ھەلەب، لازقىيە، ئىدلىب (بايىربۇجاق)، ھۇمۇس، ھاما، تارتۇس، رەققە، دېرئە، دەمەشق ۋە گولان رايونلىرىدا ئۆۋ مەۋجۇدىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان زېمىنلىرىنى ۋە كىملىكلىرىنى قوغداش يولىدا ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلماقتا.

سۈرىيەدە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان تەخمىنەن 1 يېرىم مىليون تۈركمەن بار بولۇپ، تۈركچىنى ئۇنۇتقان تۈركمەنلەر بىلەن قوشقاندا، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ سانى 3 مىليونغا يېتىدۇ.

سۈرىيە تۈركمەنلىرى سۈرىيەدە ئەرەبلەردىن قالسا، نوپۇس جەھەتتىن ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئېتنىك گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ. تۈركمەنلەر سۈرىيەدە ئالدىنقى مەزگىلدە ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەردىن بىرى بولۇپ، ھېچقاچان ئېتنىك/دىنىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتمىدى، ئەكسىچە، ھەمىشە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى جان تىكىپ قوغدىدى، شۇڭا ئۇلار نۆۋەتتە سۆھبەت ئۈستىلىدە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلماقتا.

تۈركمەنلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلرى تولۇق بېرىلگەن تەقدىردە، بۇ سۈرىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركمەنلەر يېڭى قۇرۇلغۇسى دېموكراتىك سۈرىيەنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر