تۈركمەنىستان – ناتو مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە

تۈركمەنىستان – ناتو مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

تۈركمەنىستان – ناتو مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە

تۈركمەنىستان – ناتو مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋروئاسىيا رايونىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئىزچىل تەرەققىي قىلماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، تۈركمەنىستان – ناتو مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

ياۋروئاسىيانىڭ ھالقىلىق دۆلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشىدىن كېيىنلا 1992 – يىلى مارت ئېيىدا باشلاندى.

تۈركمەنىستانمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا كېيىنچە ياۋروپا – ئاتلانتىك ھەمراھلىق كېڭىشىگە ئۆزگەرتىلگەن شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشىگە ئەزا بولدى.

1992 – يىلى ئىيۇلدا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھېلسىنكىدە چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەپەرمۇرات تۈركمەنباشى، تۈركمەنىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىدە «بىتەرەپلىك پىرىنسىپى» غا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق بۇ، 1994 – يىلى مايدا تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق ئۈچۈن ھەمراھلىق» پىروگراممىسىغا داخل بولۇشىغا توسالغۇ بولالمىدى.

ئىجابىي تەرەپسىزلىكتىن دائىمىي تەرەپسىزلىككە ئايلاندۇرۇلغان سالاھىيەت، 1995 – يىلى دېكابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. شۇنداقتىمۇ، تۈركمەنىستان شۇ يىلى «تىنچلىق ئۈچۈن ھەمراھلىق» پىروگراممىسى دائىرىسىدە تۇنجى كىشىلىك ھەمراھلىق پىروگراممىسىنى قوبۇل قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلاشتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۈركمەنىستانغا قارىتا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى نەتىجىسىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى:

2003 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا «ھازار دېڭىزى» ساھىللىرىدىكى تۈركمەنباشى شەھىرى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 2500 تۈركمەن ئەسكىرى قاتناشقان «ئاسۇدا ۋەتەن» ناملىق «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش» ھەربىي مانىۋېرىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرىمۇ قاتناشتى.

بىراق، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈركمەنىستان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانىۋېرلارغا ھېچ قاتناشمىدى، پەقەت بەزىدە كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتتى، خالاس.

بۇ، ھەر تۈرلۈك رايونلۇق ئىقتىسادىي، سىياسىي ياكى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق نىشان قىلىنغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان پىرېزىدېنت تۈركمەنباشىنىڭ يولغا قويغان تەرەپسىزلىك سىياسىتىگە، بىتەرەپ تۇرۇش سالاھىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تۈركمەنىستان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق چەكلىك دائىرىدە قالدى.

تۈركمەنباشىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، 2007 – يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار نەتىجىسىدە % 89.23 ئاۋازغا ئېرىشكەن قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ تۈركمەنىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرقاتار قەدەملەرنى تاشلىدى. 2007 – يىلى نويابىردا بەردىمۇھەممەدوۋ بىريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارارگاھىنى زىيارەت قىلدى. بۇ يەردە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جائاپ دې ھوپ سىچېففېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.  

ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تىنچلىق ئۈچۈن ھەمراھلىق» پىروگراممىسى دائىرىسىدە ۋە ناتو نىڭ ئافغانىستاندىكى ISAF  كۈچىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە تۈركمەنىستان بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

2008 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا پىرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوۋ بۈكرەشتە چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. بۇنى، تۈركمەنىستاننىڭ خەلقئارالىق نوپۇزىنى كۈچەيتىش، «بىتەرەپلىك پىرىنسىپى» غا ئىزچىل ئەمەل قىلىش سىياسىتىگە چەكلىمە قويۇش ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش يولىدا تاشلانغان قەدەملىرى دېيىش مۇمكىن.

ھازىرقى كۈندىمۇ تۈركمەنىستان ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەر دائىرىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركمەنىستان دائىرىلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتناشماقتا.

تۈركمەنىستان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن بىلىم» پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ناتو بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىق ئورناتماقتا. بۇ پىروگرامما نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر، تۈركمەنىستاندىكى ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركمەن ئاكادېمىكلارغا ۋە ياش ئالىملارغا خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيەتلەر بىلەن تەتقىقات ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش زېمىنى ھازىرلاپ بەردى.

تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپ دۆلەت سۈپىتىدە رەسمىي سالاھىيىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا توسالغۇ بولۇۋاتقىنى يوق. بىراق، يېقىن كەلگۈسىدە تۈركمەنىستاننىڭ چەكلىك دائىرىدىكى ئىشتىراك قىلىش سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ناتو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشى ناتايىن. چۈنكى، دائىمىي بىتەرەپ سالاھىيىتى، تۈركمەنىستاننىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشىدا ۋە ھەرقانداق بىر رايونلۇق لاگېرغا ئەزا بولۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، تۈركمەنىستاننىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كۈچلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ۋە قوشنا دۆلەتلەر ھەم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىش ۋە دىيالوگ ئورنىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىرېزىدېنت قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ ھەربىي ئىسلاھات ۋە زامانىۋىيلىشىش نىشانىنى تاماملاش ئارزۇسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسى بولغان تۈركىيە، تۈركمەنىستاننىڭ ناتو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي قارىماقتا ۋە قىزغىن قوللىماقتا. تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان تۈرك دۇنياسىدا «تۈركلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىسى» گە مەنسۇپ دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان كەڭ دائىرىلىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلار تۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ پىلانلار ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك بىر نۇقتىئىينەزەر دائىرىسىدە «دۆلەت سىياسىتى» سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشى لازىم.

رايونلۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنىڭ يول قويۇلۇشىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دۆلەت ئورگانلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارا پائال ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى زۆرۈر.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركمەنىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە مۇھىم لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان تۈركىيەلىك خۇسۇسىي شىركەتلەرگە ياردەم بېرىشى ۋە نازارەت قىلىشى لازىم. بۇ شىركەتلەر ئارىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يامان ئۈلگە بولۇۋاتقانلىرىنى سىقىپ چىقىرىشى ۋە توسالغۇ بولۇشى شەرت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بۇ شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ۋە تېخنىك خادىملىرىدىن  ئاممىۋى سىياسەتنى يولغا قويۇش مەقسىتىدە پايدىلىنىشى، ئۇلارنى لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىشى كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۈركمەنىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر شەك – شۈبھىسىز ھالدا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىزدىنىشى ئىچىدىكى مۇھىم بىر نۇقتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخىي رىشتىدىن سىرت يەنە، تۈركىيەنىڭ رېئال دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە تۈركمەنىستان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ناھايىتى زور رول ئوينىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر