ئاقىنجى: كونا تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىنى خالىمايمىز

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى مۇستافا ئاقىنجى، قىبرىستا كونا تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1065838
ئاقىنجى: كونا تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت مۇستافا ئاقىنجى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى تەشكىل قىلغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ باشلىقلىرىنى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى ئېلىزابېت سپېخار بىلەن قىبرىس سۆھبەتلىرى بويىچە ئىشەنچنى كۈچەيتكۈچى چارە – تەدبىرلەر دائىرىسىدە ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان دەرىنيا ۋە ئاپلىچ چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، قىبرىس دوكلاتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ب د ت دا ئېلان قىلىنىشى بىلەن رىم رەھبەر نىكوس ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشۈشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭ بەك ئۇزۇن بولمىغان بىر ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنت ئاقىنجى، رىم رەھبەر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشتا، دەرىنيا ۋە ئاپلىچ ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى بىرلىكتە بېكىتىپ جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىشنى ۋە ئارالنىڭ كېلەچىكىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارالدا تېخىمۇ ياخشى ۋە گۈزەل كېلەچەك يارىتىشنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان پىرېزىدېنت مۇستافا ئاقىنجى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەرنىڭ ھەرىكەتلىك ئۆتىدىغانلىقىنى ۋە يەلكىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ئارالدا تىنچ، خاتىرجەم كېلەچەك قۇرۇشنى خالايمىز. قىبرىستا كونا تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىنى خالىمايمىز. ب د ت رامكىسىنىڭ سىرتىغا چىقماسلىقىمىز لازىم. ب د ت بۇ ئىشنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر