ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدا مىنالار تازىلانماقتا

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايوندا 20 يىل ئىلگىرى كۆمۈلگەن مىنالارنى تازىلاش باشلاندى.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدا مىنالار تازىلانماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى باياناتچىسى مۇھەممەد ئۇلۇغوجايېۋ مۇخبىلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ تاجىكىستان بىلەن بىرگە چېگرادىكى مىنالارنى تازىلاشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئۇلۇغوجايېۋ ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ تاجىكىستاننىڭ پانجىكەنت ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونىدا باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. مىنا تازىلاش خىزمەتلىرى باشلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىزمەتلەرنىڭ 2019يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىپ بولۇشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايويېۋ ۋە تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان مارت ئېيىدا چېگرادىكى مىنالارنى تازىلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىز كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ئىدى.

ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان چېگرالىرىدىكى مىنالارنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىدىن ۋەكىللەر ئورۇن ئالغان بىر ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپرېل ئېيىدا قۇرۇلغان ئىدى.

ئىككى دۆلەت چېگراسىدا 9 يېرىم كېلومېتىرلىق جايغا مىنا كۆمۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئۆزبېكىستان 1992يىلىدىن 1997يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارجىكىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، قانۇنۇسىز قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا سوقۇنۇپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 1990يىلىنىڭ ئاخىرى تاجىكىستان بىلەن كونتىرول قىلىش قېيىن بولغان چگرا رايونلارغا مىنا كۆمگەن ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر