تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا مۇناسىۋىتى بارغانچە كۈچەيمەكتە

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا مۇناسىۋىتى بارغانچە كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى سودا سوممىسىنى بىر نەچچە يىل ئىچىدە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

فاتىھ دۆنمەز ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈركىيە-قازاقىستان سېلىنما مۇنبىرىدە: سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن سودا مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك، دېدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ بىرلىكتە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ تاشقى سىياسىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن دۆنمەز مۇنداق دېدى: «رايونىمىزنىڭ ئامانلىقى ۋە باياشاتلىقى ئۈچۈن ئاستانا ۋە ئىستانبۇلدا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەر تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ زور تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئورتاق تارىخ ۋە يىلتىزدىن كەلگەن تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك.»

قازاقىستاندىكى تۈرك كارخانچىلىرىنىڭ سېلىنما سوممىسىنىڭ 3 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان دۆنمەز، رۇسىيە ۋە خىتايدىن قالسا تۈركىيەنىڭ قازاقىستاندا ئەڭ كۆپ سېلىنمىسى بولغان 3-دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فاتىھ دۆنمەز تۈرك شىركەتلىرىنىڭ قازاقسىتاندا تېلېگرافتىن بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلەگىچە، ئېنېرگىيەدىن ئايرودۇرۇم باشقۇرۇشقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەگە مەبلەغ سالغانلىقىنى، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاق خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلارغا قاراپ ئىلگىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ دۆلەت ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىلىكى ساھەسىدە مول تەجرىبىسى بارلىقىنى، بۇ تەجرىبىنى قازاقىستاننىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۆنمەز قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدە تەخمىنەن 170 مىليون دوللارلىق  سېلىنمىسى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كارخانچىلارغا كۆپلەپ پۇرسەت ۋە ئىمتىياز يارىتىپ بەرمەكتە. بۈگۈن بۇ جايدا تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدا 1 مىليارد 700 مىليون دوللار قىممىتىدە 18ى سودا بولۇپ جەمئىي 22 كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولىمىز. قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ زىيارىتى تۈرتكىسىدە بۇ  كېلىشىملەرگە يېڭى لايىھەلەر قوشۇلۇپ  مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئارزۇ  قىلىمىز. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر