ئەردوغان، 6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى» غا ئشىتىراك قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئورنىتىدىغان ھەمكارلىقىنىڭ خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان، 6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى» غا ئشىتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن رۇھ ئوردو مەدەنىيەت مەركىزىدە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن «6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى» غا ئشىتىراك قىلدى.

ئەردوغان يىغىندا ئىشتىراكچىلارنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئورنىتىشقا چاقىرىپ، «يېقىنقى مەزگىللەردە بۇيان خەلقئارا قائىدە، پىرىنسىپ ۋە بەلگىلىمىلەر بىپەرۋالارچە دەپسەندە قىلىنغان بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمىزنىمۇ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن» دېدى.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىپلوماتىيە، دىيالوگ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىككە تايىنىشنىڭ ئورنىغا تەھدىت، بېسىم ۋە پۇرسەتپەرەسلىكنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «سودا چەكلىمىلىرى، تاموژنا باجلىرى ۋە ئېمبارگولارغا ئوخشاش ۋاسىتىلەر يۈزىسىدىن ئۇزۇن يىللارنىڭ مەھسۇلى بولغان كېلىشىملەر بىردىنلا قىممىتىنى يوقىتىپ قويماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا دىيالوگنى، دىپلوماتىيەنى، ئادالەتنى ۋە قانۇننى ھىمايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «تۈرك دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز خەلقئارا تۈزۈمنىڭ ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىنىشىغىمۇ ھەسسە قوشىدۇ» دېدى.

ئەردوغان، خەلقئارا سودىدىكى دوللارغا بولغان بېقىندىلىق توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۆز پۇل بىرلىكلىرىمىزنى ئىشلىتىپ سودا قىلىش يولىغا مەركەزلىشىش تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر مەزگىل تۈركىيەدە قىلغىنىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مائارىپ ئورۇنلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تەشكىللەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى بىزگە ئوخشاشلا دوستلىرىمىزغىمۇ ناھايىتى روشەن شەكىلدە كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر