6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

چولپان ئاتا شەھىرىدىكى رۇھ ئوردۇ كۈلتۈر مەركىزىدە «ياشلار ھەمكارلىقى ۋە دۆلەتلىك تەنتەربىيە» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئىمزالانغان خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

6 – نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوكلاتتا، قازاقىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى باغداد ئامرايېۋ كېڭەشنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

باغداد ئامرايېۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تۈرك كېڭىشىنىڭ كەلسگۈسىدە قىلىدىغان پائالىيەتلىرى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خولاسە دوكلاتىنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ۋېنگىرىيە (ھونگىرىيە) كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. قېرىنداش ۋېنگىرىيە (ھونگىرىيە) خەلقى يىلتىزلىرىنىڭ چوڭ يايلاققا تۇتىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇمۇ ئەلۋەتتە توغرا. ۋېنگىرىيە (ھونگىرىيە) خەلقىنىڭ ئۆز ئەجدالىرىنى ئۇنتىمىغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ ئىنتايىن سۆيۈنمەكتىمىز» دېدى. 

باغداد ئامرايېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ كېڭەشكە ئەزا بولۇشىنىڭمۇ پات يېقىندا قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.

6نۆۋەتلىك تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جېنبېكوۋ، قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇر سۇلتان نەزەربايېۋ ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋدىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى شەۋكەت مىرزايويېۋا ۋە ۋېنگىرىيە (ھونگىرىيە) باش مىنىستىرى ۋىكتو ئوربانمۇ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتناشقان ئىدى.

ئەردوغان قىرغىزىستاندىكى ئۇچرىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە يولغا چىقتى.

قىرغىزىسان دۆلەت مەسئۇللىرى ئەردوغاننى بىشكەك ماناس خەلقئارا ئايرورودورۇمىدا ئۇزۇتۇپ قويدى.

ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى زەھرا رۇمرۇت سەلجۇق. ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاسساپئوغلۇ، سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇخسار پەكجان، قاتناش ۋە ھۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مىنىستىرى جاھىت تۇرخان، ئىستىخبارات تەشكلاتى باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى جەۋدەت يىلماز قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى بېشكەكتىكى زىيارەتلىرىنى ئلاخىرلاشتۇرۇپ مەملىكەتكە قايتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر