ئۆزبېكىستان 17 يىللىق قارارىنى ئۆزگەرتتى
ئۆزبېكىستان ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇرۇلۇش ياساپ، ئەتە چاقىرىلىدىغان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، ئەتە قىرغىزىستان پايتەخت بىشكەكتە چاقىرىلىدىغان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ؛ 2000 – يىلى ئەزەربەيجاندا چاقىرىلغان تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا پىرېزىدېنت دەرىجىسىدە ئىشتىراك قىلغان ئۆزبېكىستان، 2001 – يىلىدىن كېيىن پارلامېنت باشلىقى دەرىجىسىدە ئىشتىراك قىلىپ كەلمەكتە.
ئۆزبېكىستان ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 2006 – يىلى ئانتاليادا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلماسلىق يولىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلارغا ئىشتىراك قىلمىدى، 2009 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردىكى نەھچىۋان كېلىشىمى بىلەن 2010 – يىلى 16 – سېنتەبىردىكى ئىستانبۇل خىتابنامىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا قۇرۇلغان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلمىدى.
پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى بىلەن يېقىنقى يىللاردا ئۆزبېكىستان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى گۈللىنىشكە باشلىدى، ئۆزئارا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ زىيارەتلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.