ئەردوغان دوست دۆلەتلەرنى فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، ئۇلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان دوست دۆلەتلەرنى فەتھۇللاھچىلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئەردوغان ۋە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېئېنبېكوۋ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيە – قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە بارلىق ساھەلەر بويىچە قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان قىرغىزىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تەرىپىنى تۈرك كېڭىشىنىڭ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «دۈشەنبە كۈنى چولپان ئاتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىغا باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن ئىشتىراك قىلىپ، مۇھىم قارارلارنى چىقىرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىرغىزىستانلىق مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشكەندە، قىرغىزىستاندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەۋجۇدىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىنىشىنىڭ مۇھىم بىر تېمىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «15 – ئىيۇلدا بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىز يېقىنقى مەزگىللەردە تاشلىغان تەۋرەنمەس قەدەملىرى ئارقىلىق بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بېلىنى پۈكۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. دېموكراتىيەمىزگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان، پارلامېنتىمىز ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىمىزنى بومباردىمان قىلغان، 251 پۇقرايىمىزنى شېھىت قىلىۋەتكەن بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلىتىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تەھدىت ئامىلى بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە 12 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر