ئىلھام ئەلىيېۋ ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

ئىلھام ئەلىيېۋ ئانگېلا مېركېلغا ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان زېمىنىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەرمېنىيەنىڭ ئاشغالىيىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلھام ئەلىيېۋ باكۇدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 

ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن مېركېل ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈنجى قېتىم ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ گېرمانىيە ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئانگېلا مېركېلگە رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە، تاغلىق قاراباغ مەسلىسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان زېمىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەرمېنىيەنىڭ ئاشغالىيىتى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن 1 مىليوندىن كۆپرەك ئەزەربەيجان پۇقراسى پاناھلانغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالدى. توقۇنۇشقا ئالاقىدار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 4 قارارنامە قوبۇل قىلدى. بۇ قارارنامىلەرگە بىنائەن ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنىمىزدىن شەرتسىز ھالدا چېقىپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئەرمېنىيە بۇ قارارلارنى كۆزگە ئىلماي، ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە بۇ مەسىلىلەر پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى لازىم» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزرەبەيجان بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ۋە گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا نۇرغۇن لايىھەلەرگە قاتناشقانلىقىنى تەكىللەپ، مېركىلنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان تەبىئىي گازىنى ياۋروپاغا يەتكۈزۈدىغان جەنۇبىي گاز كارىدورى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، 40 مىليارد دوللار مەبلەغ كېتىدىغان بۇ لايىھەنىڭ ماي ئېيىدا رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئانگېلا مېركېل بولسا، ئەزەربەيجاننىڭ گېرمانىيەگە نىسبەتەن رايوندىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «گېرمانىيە ئەزەربەيجان ئىقتىسادىنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇشىغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار» دېدى. 

مېركېل ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىدا ئەرزەبەيجاننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جەنۇبىي گاز كارىدورىنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشتا چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باكۇ تىفلىس قارس تۆمۈر يولى لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان مېركېل بۇ لىنىيەنىڭ رايون بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل تاغلىق قاراباغ مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوندىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوقتۇردى.

ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن مېركېل يىغىندىن كېيىن، ئەزەربەيجانلىق ۋە گېرمانىيەلىك كارخانىچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

مېركېل ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەەربەيجاندىن قايتىپ كەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر