شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قىرغىزىستاندا چاقىرىلدى

قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئىيۇن ئېيىدا خىتايدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قىرغىزىستاندا چاقىرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قىرغىزىستاننىڭ تەتىل مەركىزى چولپون ئاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئەدلىيە مىنىستىرى مەقسەتبېك ئەسەنالىيېۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىرى شۇنداقلا خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرلىرى ھەمدە پاكىستان ۋە قازاقىستاننىڭ باش ئەلچىلىرى قاتناشتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى نۇرلان ئاققوشقاروۋمۇ قاتناشقان يىغىنغا بىلارۇسىيە، ئىران ۋە ئافغانىستان كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشى قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن باشقا يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025يىللىق تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى بويىچە ئەدلىيە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقتۇرۇش ئىمزالاندى.

قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئىيۇن ئېيىدا خىتايدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996يىلىدا خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، خىتاي ۋە تاجىكىستاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن رايون خاراكترلىق بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى نىشان قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر