قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ھەربىي ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ
قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ھەربىي ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان باش ئىشتاب باشقارمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان باش ئىشتاب باشلىقى رايىمبەردى دۇيشېنبىيېۋ قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساكېن جاسۇزاكوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، تەرەپلەر ئورتاق بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ھەربىي ھەيئەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان ئۇچرىشىشتا، ھەربىي ۋە ئالاھىدە قىسىملارنىڭ تەلىم – تەربىيەسى، ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە پائالىيەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش توغرۇلۇق قارار ماقۇللانغان.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم ئىمزالانغان.
ئىگىلىنىشىچە، جاسۇزاكوۋ قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان قازاقىستاننىڭ تۇنجى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.