ئۆزبېكىستان ۋىزا تۈزۈمىگە كۈچلۈك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

ئۆزبېكىستان ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلەر دائىرىسىدە 101 دۆلەت پۇقراسىغا 5 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى.

ئۆزبېكىستان ۋىزا تۈزۈمىگە كۈچلۈك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، «چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان» قارارنامىنى ئىمزالىنىدى. قارارنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، 15 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۆزبېكىستاندىكى ئايرودۇرۇملارغا چۈشۈپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىدىغان 101 دۆلەت پۇقراسىغا 5 كۈن بويىچە ۋىزىسىز تۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر قارارنامىدە يەنە، 16 ياشتىن كىچىك چەت ئەل پۇقرالىرىغا ئاتا – ئانىسى ياكى ئىگىدارچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەمرالىقىدا 90 كۈنگىچە ۋىزىسىز تۇرۇش ھەققى بېرىلدى.

بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەللىكلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ ئۆزبېكىستان «ئېلېكترونلۇق ۋىزىسى» نى ئالالايدۇ.

ئۆزبېكىستان مارت ئېيىدا تۈركىيە قاتارلىق 7 دۆلەت پۇقراسىغا 30 كۈن بويىچە ۋىزىسىز تۇرۇش، 39 دۆلەت پۇقراسىغا قولاي ۋىزا بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان،  شۇنىڭ بىلەن، پۇقرالىرى ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز بارالايدىغان دۆلەت سانى 16 غا، ۋىزا قولايلىقى يارىتىپ بېرىلگەن دۆلەت سانى 51 گە چىققانىدى.

يېقىندىن بۇيانقى ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تاشلانغان قەدەملەر سايىسىدا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا ئۆزبېكىستانغا بارغان چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %93 ئېشىپ، 2 مىليون 200 مىڭغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر