ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان دەتالاشلىق چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، دۆلىتى بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدىكى بەزى رايونلارغا ئالاقىدار دەتالاشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ماقۇللىدى.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان دەتالاشلىق چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ئۆزبېكىستان – تاجىكىستان چېگراسىنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا يارىشىش ھاسىل قىلىنغان بەزى جايلىرىغا ئالاقىدار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمزالانغان كېلىشىمنى ماقۇللىغانلىقىنى ۋە كېلىشىمنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى «خەلق سۆزى» دە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كېلىشىم، ئورتاق چېگرانىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېقىنقى سۆھبەتلەر جەريانىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان 192.7 كىلومېتىرلىق قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھازىرمۇ دەتالاشلىق بەزى چېگرا رايونلىرى بار بولۇپ، ئورتاق چېگرانى بېكىتىش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىمنىڭ روھى ھەر ئىككى دۆلەتتىكى قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپتە بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر