تۈركمەنلەر دۇكان تاقاپ نازارىلىق بىلدۈرمەكتە

ناھىيە مەركىزىدىكى دۇكاندارلار ۋە كاسىپلار بىر كۈنلۈك دۇكانلارنى تاقاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

975522
تۈركمەنلەر دۇكان تاقاپ نازارىلىق بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەنبىچ ناھىيەسىدە، دوكاندارلار بىلەن كاسىپلار تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياشلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ، مېلىتانلىرى سىپىگە مەجبۇرى قوشۇۋېلىش جىنايىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇكانلىرىنى تاقىدى. 

مەنبىچتىكى يەرلىك مەنبەرلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مەنبىچتە 5مايدىن بۇيان ئونلىغان ياشلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ مېلىتانلىرى ئارىسىغا مەجبۇرى قوشۇۋالغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ناھىيە مەركىزىدىكى دوكاندارلار ۋە كاسىپلار بىر كۈنلۈك دۇكانلارنى تاقاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرى ماقۇللاشقان ئاتالمىش قارارى ئارقىلىق مەنبىچتە، 18 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ياشلارنى تەسلىم بولۇپ، تەشكىلات سىپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن 5مايغىچە مۇددەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلات تەسلىم بولمىغان ياشلارغا تۇتۇپ كېتىش ياكى جازالاش بىلەن تەھدىت سېلىشىنى باشلىغان ئىدى.

مەنبىچ ناھىيە مەركىزىدىكى تىجارەتچىلەر ۋە كاسىپلاپ دېكابىر ئېيىدىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى 2 ياشنى قىيناپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن دۇكانلىرىنى تاقاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

مەنبىچ سودىگەرلىرى 2017يىلى 5نويابىردىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى ياشلارنى مەجبۇر تۇتۇپ كېتىش تېررورچىلار سىپىگە مەجبۇر قوشۇۋىلىشغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ دۇكان تاقاپ نامايىش قىلغان ئىدى.

مەنبىچ ناھىيەسى ھەلەبتە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك بۇ ناھىيەنى 2016يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يارىدىمى بىلەن ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

گەرچە ئامېرىلىق مەسئۇللار دائېش قورغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭمۇ رايوندىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا دائىر ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بىراق تېررولۇق تەشكىلاتى ھازىرغىچە مەنبىچتىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر