پۇتىن، رۇسىيە بىلەن قىرىم ئارىسىدىكى كەرچ كۆۋرۈكىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، دۆلىتى بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلى ئارىسىغا سېلىنغان 19 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كەرچ كۆۋرۈكىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

972164
پۇتىن، رۇسىيە بىلەن قىرىم ئارىسىدىكى كەرچ كۆۋرۈكىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى
putin kamyon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، ئازاك دېڭىزى بىلەن قارادېڭىزنى تۇتاشتۇرىدىغان كەرچ بوغىزىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ باردى.

ئۇزۇنلۇق جەھەتتە ياۋروپا ۋە رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈكى ھېسابلىنىدىغان كەرچ كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەسكەن ۋىلادىمىر پۇتىن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، كۆۋرۈكنىڭ ئېچىلىشىغا تارىخىي بىر كۈن، دەپ باھا بەردى ۋە كۆۋرۈك سايىسىدا قىرىم ۋە سىۋاستوپول بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە يېقىنلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو بولسا، كەرچ كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ «مەسخىرىلىك بىر شەكىلدە» ستالىن تۈزۈمى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان قىرىم تاتار سۈرگۈنىنىڭ خاتىرە كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان پوروشېنكو، «قانۇنسىز شەكىلدە سېلىنغان كەرچ كۆۋرۈكى كرېمىلنىڭ يەنە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ كۆرسەتكۈچىدۇر» دېدى.

پىرېزىدېنت پوروشېنكو، موسكۋانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ مۇۋەققەت ئىشغالىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ كەرچ كۆۋرۈكى توغرىسىدا خەلقئارا سەھنىدە قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە  رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ  يېرىم ئارالغا ياۋروپالىق سودا – سانائەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە، 2014 – يىلى ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم يېرىم ئارىلىنى قانۇنسىز رەۋىشتە ئۆزىگە قوشۇۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر