ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسېف ۋوتېلنى قوبۇل قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشتا شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ، ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك ھەمكارلىقنىڭ بولۇپمۇ سىياسەت، سودا، ئىقتىساد، سېلىنما، تېخنولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بويىچە سۈرئەت بىلەن گۈللىنىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك، ھەربىي ۋە ھەربىي – تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ئەتراپلىق شەكىلدە مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زىيانلىق ئامىللارغا قارشى كۈرەش ۋە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتكە تىنچ چارە تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

شەۋكەت مىرزىيايېۋغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سالام ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن گېنېرال جوسېف ۋوتېل، ئامېرىكىنىڭ مارت ئېيىدا تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستانغا ئالاقىدار خەلقئارا يىغىننى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئافغانىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئالاقىدار زور كۆلەملىك ئۈستۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كاتتا پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى. ئۇچرىشىشتا يەنە، مىرزىيايېۋنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئامېرىكىغا قارىتىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ ئۆزبېكىستان – ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىرزىيايېۋنىڭ 15 – مايدىن 17 – مايغىچە داۋاملىشىدىغان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا «ئۆزبېكىستان – ئامېرىكا: ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك» ناملىق بىر باياناتنىڭ ئىمزالىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر