جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كىيۇڭۋا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئۆزئارا ئىستىراتېگىيەلىك ۋە ھەر ساھەدىكى كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

954933
جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنىغان باياناتتا، كاڭ كىيۇڭۋانىڭ تاشكەنتتە ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقى ۋە پىرېزىدېنت شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى شۇنداقلا ھەر ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

شەۋكەت مىرزىيويېۋ ئۆزبېكىستان بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يۈزلىگەن يىللىق دۇستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مەستەھكەملىنىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئىلگىرىلىشىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆزبېكىستان جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناىسۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن شەۋكەت مىرزىيويېۋ، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋە رايوندىكى تىنچلىق ھەم مۇقىملىققا قارىتا يولغا قويىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تولۇق قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كىيۇڭۋامۇ جەنۇبىي كورېيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە رەخمەت ئېيتتى. ۋىزىلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ئىشلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «جەنۇبىي كورېيە ئۆزبېكىستان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار» دېدى. 

كاڭ كىيۇڭۋا ئۆزبېكىستاندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە يەنە، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇل ئەزىز كامىلوۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق تېمىلىرىنى مۇزاكىرلەشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر