ئىلھام ئەلىيېۋ تۆتىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى

ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەليېۋ %86.09 ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن.

Erdoğan-aliyev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مەركىزىي سايلام كومىتېتى باشلىقى مەزاھىر پەناخوۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ئەليېۋنىڭ ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %86.09 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ، سايلامدا ئەزەربەيجان بىرلەشمە خەلق فىرونتى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى قۇدرەت ھاسانگۇلىيېۋنىڭ %3.4 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى، مۇستەقىل نامزات زاھىد ئورۇچنىڭ %3.07 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سايلامغا ئاۋاز قاتناشتۇرۇش نىسبىتىنىڭ %74.51 بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىلھام ئەلىيېۋ، سايلامنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلققە خىتاپ قىلىپ، مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەزەربەيجان خەلقى بۇ سايلامدا مۇقىملىققا، بىخەتەرلىككە، تەرەققىياتقا ۋە گۈللىنىشكە بېلەت تاشلىدى» دېدى.

بۇ جەرياندا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىلھام ئەلىيېۋغا تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ئەردوغان، ئەلىيېۋگە ئەزەربەيجاندىكى سايلامنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا تۆتىنچى قېتىم غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر