ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى

ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دە باشلاندى.

ئەزەربەيجاندا پىرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان خەلقى قايتىدىن نامزات بولغان ۋە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 نامزات ئارىسىدىن، دۆلەتنى كەلگۈسى 7 يىل بويىچە باشقۇرىدىغان يېڭى پىرېزىدېنتنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقتا.

ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەزەربەيجاندا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان 5 مىليون 309 مىڭ سايلىغۇچى بار بولۇپ، سايلامدا ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى – سىرتىدا 5 مىڭ 641 بېلەت تاشلاش ساندۇقى قۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئەزەربەيجان پۇقرالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئەزەربەيجان باش ئەلچىخانىلىرىدا قۇرلغان بېلەت تاشلاش ساندۇقلىرىدا ئاۋاز بېرىدىكەن.

سايلامنى 59 دۆلەت ۋە 60 خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن 890 چەت ئەللىك، 58 مىڭ 175 يەرلىك كۆزەتكۈچى كۆزەتمەكتە ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سايلامنى ئەزەربەيجان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن سىرت يەنە، 21 دۆلەتتىن 118 ژۇرنالىستمۇ كۆزەتمەكتە ئىكەن، ئاۋاز بېرىش شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دە ئاخىرلىشىدىكەن.

پىرېزىدېنت سايلىمىدا، يېڭىز ئەزەربەيجان پارتىيەسى نامزاتى ۋە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋدىن سىرت يەنە، بىرلەشمە ئەزەربەيجان خەلق ئالدىنقى سېپى پارتىيەسى نامزاتى قۇدرەت ھەسەنگۇلىيېۋ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى ئاراز ئەلىزادە، ئەزەربەيجان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى پارتىيەسى نامزاتى فېرېك قۇلىيېۋ، ئەزەربەيجان خەلق ئالدىنقى سېپىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ نامزاتى رازى نۇرۇللايېۋ، زامانىۋى مۇساۋات پارتىيەسى نامزاتى ھافىز ھاجىيېۋ، مۇستەقىل نامزات زاھىد ئورۇچ ۋە دېموكرات پارتىيەسى نامزاتى سەردار مەممېدوۋ قاتارلىقلار رىقابەتلەشمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر