قازاقىستان خىتايغا دېپلوماتىك نوتا تاپشۇردى

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كايرات ئابدۇراھمانوۋ خىتايغا دېپلوماتىك نوتا بەرگەنلىكى ھەققىدە ئاخباراتچىلارغا مەلۇمات بەردى.

قازاقىستان خىتايغا دېپلوماتىك نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كايرات ئابدۇراھمانوۋ خىتايدا قازاق خەلقىگە قاتتىق بېسىم قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە دېپلوماتىك نوتا تاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كايرات ئابدۇراھمانوۋ ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا «نازازەتكە ئېلىنغان قازاقلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى بىزگە كېرەكلىك ھۆججەتلەرنى يەتكۈزدى. بۇ مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دېپلوماتىك يول بىلەن خىتايغا دېپلوماتىك نوتا تاپشۇردۇق» دېدى.

ئابدۇراھمانوۋ خىتايدىن كېلىدىغان تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بولسا، بىزگە ئىلتىماس قىلغان قازاقىستان پۇقرالىرى ۋە بېسىم ئاستىدىكى قازاق خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  ئاقىلبېك كامالدىنوۋمۇ نويابىر ئېيىدا خىتايدا ياشايدىغان قازاقلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنىۋاتقان بېسىملار ھەققىدە شىكايەت قىلىشى بىلەن خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۈي بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

خىتاينىڭ باشقۇرىشىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق بەزى شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق 1 يېرىم مىليوندىن كۆپرەك قازاق خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورت بەرمەسلىكى ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىقىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا. 

قازاقىستاننىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، 10 نەپەر قازاق سىياسىي سەۋەبلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، قازاق خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىش داۋاملاشماقتا ئىكەن. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر