دوكتور ۋەجىھ جۇمە سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

دوكتور مۇھەممەد ۋەجىھ جۇمە سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك باشلىقلىقىغا سايلاندى.

908207
دوكتور ۋەجىھ جۇمە سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ 10-، 11- فېۋرال كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 4- نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى؛ قۇرۇلتايغا ئالاقىدار يازما باياناتتا، ھەلەب، لازىقىيە، ھاما – ھۇمۇس، دەمەشىق – گولان، راققە قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن ئۈچ سىياسىي پارتىيەنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان جەمئىي 360 تۈركمەن ۋەكىل ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، 42 كىشىدىن تەشكىل تاپقان سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، مەجلىس ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، دوكتور مۇھەممەد ۋەجىھ جۇمەنىڭ سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك باشلىقى بولغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر