ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى بۇزغۇنچى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدىپىنى بەردى

ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگرا ئالدىنقى فىرونتىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى ۋە ئىككىسى يارىدار بولدى.

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى بۇزغۇنچى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەدىپىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جېگرا ئالدىنقى فىرونتىغا جايلاشقان فۇزۇلى رايونىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇزۇغۇنچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىككىسىنىڭ يارىدار قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر