تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى

مىرزىيايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى

تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى

تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يىل بولدى. بىزمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىرزىيايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى ۋە تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئۆزبېكىستاننى 25 يىلدەك باشقۇرغان ئىسلام كېرىموۋنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا شەۋكەت مىرزىيايېۋ غەلىبە قىلغان ئىدى. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئارتۇقراق بولدى.

2017 – يىلى فېۋرالدا مىرزىيايېۋ (كۆپلىگەن ساھەلەردە كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش نىشان قىلىنغان) 2017 – 2021 – يىللىق تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى تەستىقلىغان ئىدى. بىر يىللىق مەزگىلدە ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كەڭ دائىرىلىك قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەر ئىقتىسادىي ساھەدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مىرزىيايېۋ بۇ بىر يىل ئىچىدە ئىلگىرى دۆلەتنىڭ بېسىم خاراكتېرلىك رولى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئىقتىسادنىڭ لىبېراللىشىشى يولىدا 40 ئەتراپىدا ئىسلاھات ئېلىپ باردى.

ئىسلام كېرىموۋنىڭ «بېكىنمىچىلىك سىياسىتى» دىن ۋاز كەچكەن مىرزىيايېۋنىڭ، باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. مىرزىيايېۋنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركمەنىستانغا ئېلىپ ببېرىشى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە تاشلىغان مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىمىزدا قالغان 14 ئاي ئىچىدە مىرزىيايېۋ چەت ئەل زىيارەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئاجراتتى. قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بىلەن 6 قېتىم، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىرى بىلەن ئۈچ قېتىمدىن كۆرۈشتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەدىمۇ بىر قېتىم زىيارەتتە بولدى ھەمدە بىرى ئۆزبېكىستاندا بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتى.

ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، رايونلۇق ھەمكارلىق ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر. 2017 - يىلى 10 – 11 – نويابىر كۈنلىرى سەمەرقەندتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا «ئوتتۇرا ئاسىيادا بىخەتەرلىك ۋە سىجىل تەرەققىيات» سەرلەۋھىلىك خەلقئارالىق كونفېرانس چاقىرىلدى. كونفېرانستا 2018 – يىللىق «نورۇز بايرىمى» ھارپىسىدا ئاستانادا بەش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى چاقىرىشى توغرۇلۇق قارار ماقۇللاندى. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بۇ ھەمكارلىق سايىسىدا، مۇستەقىل بىر تۈركىستان كۈنتەرتىپىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شەرت – شارائىت تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئۆزبېكىستان ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا 4 دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بارغانسېرى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا ئەگىشىپ، رايونلۇق سودا مەركىزىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

مىرزىيايېۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى يىلىدا دۆلەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەركىنلىك ھوقۇقى بەردى. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە مەجبۇرىي ئىشچىلىك تۈزۈمىنى بىكار قىلىش يولىدا ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىدى. ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز چەت ئەلگە چىقىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ۋىزا رەسمىيەتلىرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 10 – فېۋرالدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدىن 30 كۈنلۈك ۋىزا ئالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ شەك – شۈبھىسىز ھالدا ناھايىتى مۇھىم بىر ئۆزگىرىشتۇر.

تۈركىيە 1991 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتتۇر. شۇ ۋەجىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېز تەرەققىي قىلدى. 2005 – يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە چاقىرىلغان يىغىندا، تۈركىيە ئۆزبېكىستانغا قارشى ئاۋاز بەردى. شۇ ۋەجىدىن، 1991 – يىلى ياخشى باشلانغان مۇناسىۋەتلەر 2005 – يىلدىن كېيىن بىر ئىزدا توختاپ قالغان ھالدا داۋاملاشتى.

بىراق ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋنىڭ ئۆزئارا زىيارەتلىرى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. سەمەرقەندتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، ئەردوغاننىڭ «مۇناسىۋەتلەردە يېڭى سەھىپە ئېچىش»، مىرزىيايېۋنىڭ «قۇرۇق گەپ بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرى، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھالغا كەلدى.

ئۆزبېكىستان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى تۈركىيە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە چىن دىلىدىن سۆيىدىغان بىر دۆلەتتۇر. ئەمدى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئىزدا توختاپ قېلىش دەۋرى ئاخىرلاشتى، دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە توقۇمىچىلىق، سەھىيە، ساياھەت ۋە تېرىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىساد، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلىدىغان ھەمكارلىق يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئاكادېمىيە ئورگانلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئارقىلىق  يەنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ.

قازاقىستاندىكى تۈركىيە – قازاقىستان ئەھمەد يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئېچىشمۇ ئىنتايىن پايدىلىقتۇر. بىر قورۇسى ئىستانبۇلدا، يەنە بىر قورۇسى سەمەرقەندتە بولىدىغان شەكىلدە «تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئۇلۇغ بەگ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئېچىش نىشانىغا يېتىشتە، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي بىلىم خەزىنىسى بولغان تۈرك دۇنياسى مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى بولغان ھەنەفىي – ماتۇرىدىي / سۇفىي ئىسلام، قىسقىچە، تۈرك – ئىسلام ئەنئەنىسى سەلەفىي رادىكاللىقىغا قارشى ياۋروئاسىيا ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل بىر تاللاش خاراكتېرلىك  يول بولۇشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ زىممىسىگە ناھايىتى كۆپ ۋەزىپىلەر يۈكلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

مىرزىيايېۋ دەۋرى ئۆزبېكىستان ئۈچۈن يېڭى بىر باشلانغۇچ بولدى. ئىسلام كېرىموۋ تۈرك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمىشە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى رايوندىكى ئاكتىيورلار بىلەن ئۆزبېكىستانغا پايدىلىق شەرت – شارائىتنىڭ تۇغۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتىن قىسمەن قىيىنچىلىقى بارلىقى ھەممىگە ئايان. شۇڭا، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشتا چەت ئەل سېلىنمىلىرى بىلەن (تۈرك كېڭىشىگە ئوخشىغان) رايونلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئورنىتىلغۇسى ھەمكارلىقلار مۇھىم چارە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مىرزىيايېۋ دۆلىتى ھەم رايوننى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە خېلىلا تەجرىبىسى بار. ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك كېڭىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەم رايون ھەم تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، ئۆزبېكىستان جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن ھالقىلىق دۆلەتتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر