ئەزەربەيجاندا مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى «20 – يانۋار قەتلىئامى» خاتىرىلەندى

ئەزەربەيجاندا مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «قانلىق 20 - يانۋار» دەپمۇ بىلىنىدىغان «20 – يانۋار قەتلىئامى»نىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى.

892776
ئەزەربەيجاندا مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى «20 – يانۋار قەتلىئامى» خاتىرىلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەزەبەيجان خەلقى 1990 – يىلى 20 – يانۋاردىكى قەتلىئامدا قۇربان بولغان شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن باكۇدىكى «شېھىتلەر خىيابانى» (شېھىتلەر قەبرىستانلىقى)غا سەل بولۇپ ئاقتى.

«شېھىتلەر خىيابانى» (شېھىتلەر قەبرىستانلىقى)نى ئەڭ دەسلەپ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر زىيارەت قىلدى. شېھىتزارلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئەزەربەيجان مىللىي مارشى ئوقۇلدى ۋە ئىلھام ئەلېيىۋ ئەبەدىيلىك مەشئەل خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن مىڭىلغان ئەزەربەيجان پۇقراسى  شېھىتزارلىققا بېرىپ قەبرىستانلىقلارغا قىزىل گۈل قويدى. گۇل قويۇشنى خالايدىغان پۇقرالارنىڭ كۆپلىكىدىن شېھىتزارلىقنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچىرەت شەكىللەندى.

سائەت 12:00 دە شېھىتلەرگە بىر مېنىتۇتلۇق ھۆرمەتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ھۆرمەتتە تۇرۇش پائالىيىتى جەريانىدا ھازار دېڭىزى ساھىلىدىكى پاراخوتلارمۇ سىگنال چېلىش ئارقىلىق خارتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. 

تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزئورال ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورگان ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرىمۇ «شېھىتلەر خىيابانى» (شېھىتلەر قەبرىستانلىقى)نى زىياەت قىلدى.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيەنىڭ باكودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، ناھچىۋان ۋە گەنچە كونسۇلخانىسىدا شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلۇپ بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى. 

1990 – يىلى ئەرمېنىيەنىڭ ئەۋج ئالغان زېمىن تەلەپلىرىگە ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان مىڭلارچە ئەزەربەيجان پۇقراسى باكۇنىڭ ئازادلىق مەيدانىغا قاراپ ئاققان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نامايىشلىرىنى باشلىغان ئىدى. 

سوۋىت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى بۇ يىغىلىشنى تارقىىۋېتىش ئۈچۈن 1990 – يىلى باكونىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا بېسىپ كېرىپ، ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن 150 كە يېقىن كىشىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان ۋە يۈزلىگەن كىشىنى يارىدار قىلغان ئىدى.

ۋەقەدە شېھىت بولغان كىشىلەر يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن گۆز ياشلىرى ئىچىدە بۈگۈنكى نامى بىلەن «شېھىتلەر خىيابانى» (شېھىتلەر قەبرىستانلىقى) دېگەن جايغا دەپىن قىلىنغان ئىدى.

ئەزەربەيجان خەلقى 28 يىلدىن بۇيان بۇ ئەزىز شېھىتلىرىنى ئۇنتۇماي، ھەر يىلى 20 – يانۋاردا ئۇلارنى خاتىرىلەپ، قەبرىستانلىقلىرىغا قىزىل گۈل قويۇپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر