چىڭگىز ئايتماتوۋ خاتىرىلەندى

دۇنياغا مەشھۇر قىرغىزىستان يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 89-يىللىقى، يازغۇچىنىڭ بىشكەكتىكى قەبرىسى ئالدىدا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەندى.

چىڭگىز ئايتماتوۋ خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى، يازغۇچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 89-يىللىقىنى بىشكەكتىكى ئاتا بەيت قەبرىستانلىقىدا خاتىرىلىدى. يازغۇچىنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر خىل گۈل-چېچەكلەر ۋە گۈلچەمبىرەكلەر قويۇلدى. پائالىيەتتە، ئۆلۈمىدىن كېيىن، مۇزېيىغا ئالماشتۇرۇلغان يازغۇچىنىڭ ئۆيىمۇ زىيارەتكە ئېچىلدى.

چىڭگىز ئايتماتوۋ قىرغىزچىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دۇنيادا تونىلىشىغا چوڭ ھەسسىلەرنى قوشقان ئىدى.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك بىلىملەر ئاكادېمىيەسىمۇ چىڭگىز ئايتماتوۋ تونۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتكە، مىنىستىرلار ۋە نۇرغۇن بىلىم ئادەملىرى قاتناشتى.

چىڭگىز ئايتماتوۋ 1928-يىل 12-دېكابىر قىرغىزىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان تالاس رايونىدىكى شېكەر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. يېزىقچىلىقنى موسكۋادا باشلىغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپداقىدا نەشر قىلىنىدىغان پراۋدا گېزىتىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى 150 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 1963-يىلى لېنىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

قىرغىزىستان سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، لىيۇكسېمبۇرگ، بېلگىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باش ئەلچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەمدە ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. يازغۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) قاتارلىق تەشكىلاتلاردا قىرغىزىستان دائىمىي ۋەكىلى بولۇپمۇ خىزمەت قىلغان.

چىڭگىز ئايتماتوۋ 2008-يىلى رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى سۈرەتكە ئالماقچى بولغان ھۆججەتلىك فىلىم ئۈچۈن تاتارىستانغا بارغاندا تۇيۇقسىز بۆرەك كېسىلى قوزغالغان ۋە شۇ يىلى 10-ئىيۇندا گېرمانىيەدىكى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر