تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۆھپە قوشقان زىيالىي: يۈسۈپ ئاقچۇرا

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۆھپە قوشقان زىيالىي: يۈسۈپ ئاقچۇرا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز.

853650
تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۆھپە قوشقان زىيالىي: يۈسۈپ ئاقچۇرا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىدىيەسىنىڭ پىكرىي ئۇل تېشىنى قويغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى يۈسۈپ ئاقچۇرادۇر. يۈسۈپ ئاقچۇرانىڭ پىكىرلىرى ۋە زامانىمىز تۈرك دۇنياسىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۆھپە قوشقان زىيالىي: يۈسۈپ ئاقچۇرا» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

1900 – يىللارنىڭ باشلىرىدا تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئورنىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى كۈچلۈك تەكىتلىنىشكە باشلىغان دەۋر، تۈرك ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئالدىدا ئۆزىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۆزىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش تىرىشچانلىقلىرى باشلىغان دەۋردۇر. دەرۋەقە بۇ دەۋرنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئويغىنىش دەۋرى، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قازان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا دىنىي ساھەدە باشلانغان بۇ ئويغىنىش، كېيىنكى چاغلاردا مائارىپ ئىسلاھاتى ھەرىكىتى (جەدىدچىلىك) شەكلىدە داۋاملاشتى؛ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، سىياسىي ۋە مىللىي پائالىيەتلەر شەكلىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئايلاندى. 1908 – يىلى ئىستانبۇلدا ئوتتۇرىغا چىققان جۆن تۈرك ئىنقىلابى رۇسىيەلىك تۈرك زىيالىيلارنى ئىستانبۇلغا جەلپ قىلدى. بۇ دەۋردە ئىستانبۇل، رۇسىيە ۋە تۈركىستاندىن كەلگەن زىيالىيلارنىڭ پىكرىي مەركىزىگە ئايلاندى. ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن رۇسىيە تۈركلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ۋە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇشۇ دەۋردە روياپقا چىقتى. قازانلىق، قىرىملىق، كاۋكازىيەلىك ۋە تۈركىستانلىق زىيالىيلار ئوسمانلىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئورنىتىش پىكرى دېيىلگەن ھامان ئەقىلگە بىرىنچى بولۇپ كېلىدىغان زاتلارنىڭ بىرى يۈسۈپ ئاقچۇرادۇر. ئاقچۇرا 1879 – يىلى 2 – دېكابىردا قازاننىڭ سىمبىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ماددىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى يەتتە ياشقا كىرگەن چېغىدا ئىستانبۇلغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان. يۈسۈپ ئاقچۇرا 59 يىللىق ھاياتىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ۋەقەلەرگە گۇۋاھ بولغان بىر تۈرك زىيالىيسىدۇر. رۇسىيە تۈركلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ناھايىتى قويۇق مەزگىلدە ياشاپ، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان، ھەتتا كۆپىنچىسىدە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغان. يۈسۈپ ئاقچۇرانىڭ پىكرىي جەھەتتە يېتىلىشىدە قېيىنئاكىسى ئىسمائىل غاسپىرالى مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ نۇقتىنى ئاقچۇرامۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. يۈسۈپ ئاقچۇرا ئىسمائىل غاسپىرالىنى مۇكەممەل بىر ئوقۇتقۇچى، مۇتەپەككۇر يازغۇچى، ئىستېداتلىق بىر ژۇرنالىست ۋە قەتئىي چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر تۈركلۈك خىزمەتكارى، دەپ تەرىپلەيدۇ. يۈسۈپ ئاقچۇرا تۈركلۈكنىڭ شىمالىي قانىتىغا مەنسۇپ بولۇش بىلەن بىرگە، جەنۇب تۈركلۈگىنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشايدىغان بىر كىشى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ تۈركلۈك ئېڭى پۈتكۈل تۈركلۈكنى قوينىغا ئالغۇچى كەڭلىككە ئىگە ئىدى.

ئاقچۇرا، 1904 – يىلى قىرىمغا قايتقاندا مەشھۇر ماقالىسى  «ئۈچ تەرزىئى سىياسەت» نى يازدى ۋە قاھىرەدە چىقىدىغان تۈرك گېزىتىدە ئېلان قىلدۇردى. چاررۇسىيەدە تۈركلەرگە قىلىنغان بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە تەقىب قىلىنىشقا ئۇچرىغان ئاقچۇرا، ئوسمانلى دۆلىتىدە ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، 1908 – يىلى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىكى تۈرك مىللەتچىكىنى تايانچ قىلىدىغان تۇنجى ئورگان «تۈرك جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ۋە دارۇلفۇنۇندا تۈرك سىياسىي تارىخى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈشنى باشلىدى. 1911 – يىلى 18 – ئاۋغۇستتا مەھمەت ئەمىن يۇرداقۇل، ئەھمەد ھېكمەت مۈفتۈئوغلۇ، ھۈسەيىنزادە ئەلى ۋە دوكتور ئاقىل مۇختار ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە «تۈرك يۇرتى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، «تۈرك يۇرتى» دېگەن نامدا بىر مەجمۇئە نەشر قىلدى. بۇ مەجمۇئەدە ئومۇمەن تۈرك ئوقۇرمەنلەرگە تۈرك دۇنياسىنى تونۇتۇش تىرىشچانلىقى كۆرسىتىلدى. 1912 – يىلى 12 – مارتتا مەھمەت ئەمىن يۇرداقۇل، ئەھمەد فەرىت ئەپەندى، ئەھمەد ئاغائوغلۇ ۋە دوكتور فۇئاد سابىت ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاقچۇرا، تۈرك ئوچىقىنى قۇردى.

يۈسۈپ ئاقچۇرا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرتۇلۇشى تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئورنىتىش سىياسىتىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركلەر ئۇ مەزگىلدە 45 – 50 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، ئوسمانلى تۈركلىرى، ئازەرى (كاۋكاز) تۈركلىرى، قىرىم تۈركلىرى، شىمال تۈركلىرى ۋە شەرق (قازاقىستان، ئومۇمەن تۈركىستان) تۈركلىرىدىن ئىبارەت بەش گۇرۇپپىدىن تەشكىل تاپاتتى. يۈسۈپ ئاقچۇرا تۈرك دۇنياسىغا «قەدىمكى دۇنيا يەر شارىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. ئۇ يەردە ئۈچ قىتئە بار. غەربىي شىمالغا توغرا كېلىدىغان يىرتىق لاتىغا ئوخشايدىغان قىسمىنى چۆرۈپ تاشلاڭلار؛ غەربىي جەنۇبتىكى ئۈچ بولۇڭلۇق ئاخىرقى شۇنداقلا ئېغىر قىتئەنىمۇ ئىنسانلار ئاجىز قوللىرى بىلەن قازغان قانال سىزىقىنى ئېگىپ ئۈزۈپ ئېلىڭلار؛ ئوڭ تەرەپنىڭ تۆۋىنىدىن ساڭگىلاپ قالغان ئۈچ – تۆت ئارتۇق يەرنى يونۇپ ئېلىۋېتىڭلار.... ئەنە شۇ چاغدا قەدىمكى دۇنيانىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قالىدۇ. مانا بۇ گەۋدە پۈتۈنلەي تۈركنىڭ يېرى، بىزنىڭ مىراسىمىزدۇر.» ئاقچۇرانىڭ قارىشىچە، تۈركلەر تۇرمۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ جۇغراپىيە تۈركلەرنىڭ تارىخىي مىراسىدۇر. بۇ جۇغراپىيەنىڭ ھۆكۈمران كۈچى تۈرك مىللىتى بولۇشى كېرەك. تىللىرى، ئىرقلىرى، ئادەتلىرى، دىنلىرى بىر بولغان ئاسىيانىڭ بۈيۈك بىر قىسمى بىلەن ياۋروپانىڭ شەرقىگە يېيىلغان تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشى، تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ.

يۈسۈپ ئاقچۇرانىڭ فىكرى مىراسى نۆۋەتتە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ۋە ئىلھام ئەلىيېۋغا ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئىپادىسىنى تاپماقتا. تۈرك كېڭىشى، تۈركسوي، تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ يولدا ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر