تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى: ئىسمائىل غاسپىرالى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى: ئىسمائىل غاسپىرالى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

848961
تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى: ئىسمائىل غاسپىرالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مىللىي ئويغىنىش سىمۋوللىرىنىڭ بىرى ئىسمائىل غاسپىرالى (1851 – 1914) دۇر. ئۇ، تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئىدىيەسىنىڭ قەلبى ۋە بايراقدار نەزىرىيەچىسىدۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ئويغىنىش باشلامچىلىرىنىڭ بىرى: ئىسمائىل غاسپىرالى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

* * * * *

تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك پىكرى دېيىلگىنىدە، كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە بىرىنچى بولۇپ ئىسمائىل غاسپىرالى كېلىدۇ. ئىسمائىل غاسپىرالى قىرىم – باغچەساراي رايونىغا يېقىن جايدىكى ئاۋجىكۆيدە دۇنياغا كەلدى. رۇسىيە مەكتەپلىرىدە ئالغان تەلىم – تەربىيە ئۇنى مىللىي ھېسلارغا يۈزلەندۈردى. چاررۇسىيەنىڭ تۈركلەرگە بولغان دۈشمەنلىكى، غاسپىرالىدىكى مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 1868 – يىلى باھچەسارايدا رۇس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 1872 – يىلى قىرىمدىن ئايرىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن پارىژغا باردى. غاسپىرالى پارىژدا ئىككى يىل تۇرۇش جەريانىدا غەرب مەدەنىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.

قىرىملىق تاتار تۈركى ئىسمائىل غاسپىرالى، تۈركلەرنىڭ بىرلىك ئورنىتالماسلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قايغۇرۇپ، «ئەگەر مۇشۇنداق كېتىدىغان بولساق، رۇسىيەدىكى تۈركلەرنىڭ كېلەچىكى قاراڭغۇدۇر» دەيدۇ. غاسپىرالىنىڭ قارىشىچە، (رۇسىيەدىكى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدىغان بىراق ماھىيەتتە بىر بولغان) تۈرك توپلۇقلىرى مەۋجۇت بۆلۈنۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئەتراپلىرىنى قورشاپ تۇرغان سىلاۋ دېڭىزى ئىچىدە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ئۇلار، تەپرىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشلىرى كېرەك ئىدى. غاسپىرالى چارلىق رۇسىيەسىدە ئېرىپ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان تۈركلەرنىڭ ئورتاق تۈرك تىلى ئەتراپىدا بىرلىشىپ، مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. بۇ پىكرىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن گېزىت چىقىرىشقا باشلىدى. پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا خىتاب قىلىدىغان مەزكۇر گېزىت ئاددىي تۈرك تىلىدا نەشر قىلىندى. «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارى ئاستىدا نەشر قىلىنغان بۇ گېزىتنىڭ ئىسمى «تەرجۇمان» ئىدى. ئىسمائىل غاسپىرالى 1883 – يىلى چىقارغان «تەرجۇمان» گېزىتى بىلەن رۇسىيەدىكى تۈركلەردىن تارتىپ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ مىللىي ۋە پىكىرىي ئويغىنىشى ئۈچۈن بىر چىغىر ئاچتى. ئۇ چىقارغان «تەرجۇمان» گېزىتى ئىستانبۇل قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار تەرىپىدىن ئوقۇلدى. بولۇپمۇ ئەزەربەيجان ۋە قىرىمدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىدى ۋە نوپۇز ياراتتى. رۇسىيە تۈركلىرىنىڭ پىكىرىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ مۇشۇ خىل تەشەببۇسلىرى سايىسىدا باشلاندى. ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات پىلانى بويىچە، مائارىپتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا ئورتاق ئېلىپبە تىلى شەكىللەندۈرۈش، ئاياللارنىڭ مائارىپىغا ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر ئىدى.

رۇسلارنىڭ تۈركلەرگە يۈرگۈزگەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈركلەرنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن غاسپىرالى، رۇسىيە تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرۈش مەقسەتلىك ئىسلاھات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ئىسلاھات يولىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى 1884 – يىلى ئاچقان تۇنجى ئۇسۇلى جەدىد (يېڭىچە) مەكتەپ بولدى. غاسپىرالىنىڭ قىرىمدا، باھچەسارايدا ئاچقان مەكتەپتەردە يولغا قويغان ئاسان ئوقۇش ئۇسۇلى بارغانچە ئومۇملاشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيەنىڭ باشقا تۈرك – ئىسلام رايونلىرىغىمۇ كېڭەيدى. ئىسمائىل غاسپىرالى مائارىپ – مەدەنىيەت ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئالدى بىلەن رۇسىيە تۈركلىرى، ئارقىدىن پۈتكۈل تۈركلەر ئارىسىدا مىللىي ئاڭنى ئويغىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئورنىتىش پىكرىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ يەنە بىرى، ئورتاق تىل شەكىللەندۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلىرى ئىدى. ئۇ ئىستانبۇل تۈركچىسىنى (ئوسمانلى ۋە تاتار شېۋىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان قىرىم شېۋىسى ئاساسىدا ئاددىيلاشتۇرۇپ) پۈتكۈل تۈركلەر ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىلغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايتتى. تۈرك تىلى پارسچە ۋە ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلىنغان ئورۇنسىز سۆزلەردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ۋە خەلق چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. غاسپىرالىنىڭ «تەرجۇمان» گېزىتىنى ۋاسىتە قىلىپ تارقاتقان بۇ تىل، قىرىم، ئىدىل – ئۇرال، كاۋكازىيە ۋە تۈركىستان زىيالىيلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ تىلدا يازىدىغانلار ھاسىل قىلغان نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بىراق، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئىسمائىل غاسپىرالى باشلىغان ئورتاق تۈرك تىلى ئېقىمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مەھەللىي تىللارنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى تەشۋىق قىلىندى.

«تەرجۇمان» گېزىتىنى ۋاسىتە قىلىپ تۈرك دۇنياسىنى ئورتاق تىلى ئەتراپىغا توپلاش ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تۈپ غايىسى ئىدى. ئۇ بۇ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گېزىتىدە ئىستانبۇل شېۋىسىنى ئورتاق تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى تاللىدى. غاسپىرالىنىڭ قارىشىچە، ئىستانبۇل شېۋىسىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى؛ مۇرەككەپ ئىبارىلەر چىقىرىپ تاشلىنىپ، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى لازىم ئىدى.

ھازىرقى كۈندە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ۋە ئىلھام ئەلىيېۋغا ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ غايىسى ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىچىدە نامايان بولماقتا. تۈرك كېڭىشى، تۈركسوي، تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ يولدا ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلماقتا. شۇنى تەكىتلىشىم زۆرۈركى، بۇ خىزمەتلەرنىڭ مەقسىتى پانتۈركىزم ياكى پانئىسلامىزم ئەمەس؛ چۈنكى، بۇ ئورگانلار ھېچبىر دۆلەت ياكى مىللەتكە قارشى دۈشمەنلىك، ئاداۋەت ۋە نەپرەت ئۇرۇقىنى چاچمايدۇ. قىسقىسى، ھېچكىمنىڭ بۇ ئورگانلاردىن گۇمانلىنىپ ئولتۇرۇشىغا كېرەك يوق. يەنە شۇنى كۈچلۈك تەكىتلەشنى خالايمەنكى،  ئىسمائىل غاسپىرالى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا روياپقا چىقىشى دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر