نەزەربايېۋ خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ يامرىشى ئۈستىدە توختالدى

نەزەربايېۋ ساختىپەز ئىسلامىي ئېقىملارنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە سوقۇنۇپ كىرىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ۋە تېررورلۇقنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ۋەيران قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نەزەربايېۋ خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ يامرىشى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2016 – يىلىدا جەمئىي 104 دۆلەتتە تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  جوغراپىيە ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ھازىر تېررورلۇققا قارشى «3 – دۇنيا ئۇرۇشى» بولۇۋاتقاندەك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ بايتەخت ئاستانەدىكى نەزەربايېۋ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك ئاستانە كۈلۈبى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ ئىنتايىن چوڭ تەھدىتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەزەربايېۋ: «تېررورلۇق چەك - چېگرا تونۇمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ۋەيران قىلغۇچ ئامىلغا ئايلىنىشى مۇمكىن. 3 – ئىرادا تېررورلۇق ۋەقەلىرى ۋە قۇربانلىرى سانى 10 ھەسسە يۇقىرى ئۆرلىدى» دېدى.

نەزەربايېۋ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە كېڭەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق تېررورىزم ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاسسالانغا، 2015 – يىلىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ناچار يىل بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

ساختىپەز ئىسلامىي ئېقىملارنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە قوپاللىق بىلەن سوقۇنۇپ كىرىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئەسكەتكەن نەزەربايېۋ، «زىتلىقلارغا قارىماستىن دۇنيانىڭ چوڭ كۈچلىرى يېقىن شەرقتە دائېشقا قارشى كۈرەشنى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. بىراق تېررورچىلارمۇ باشقا دۆلەتلەردە ماكان تۇتۇشقا باشلىدى. بۇ پۈتۈن ياۋروئاسىياغا نىسبەتەن مۇھىم بىر چاقىرىق» دېدى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ: «كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت ھەمەيلەننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسدىكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى مەسىلىسىدە ۋە يادرو قوراللارنى ئازايتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى يوق. بۇ مەسىلە شۇ پىتى ساقلىنىپ كەلمەكتە» دېدى ۋە قازاقىستاننىڭ دۇنيادا يادرو قورالدىن ۋاز كەچكەن تۈنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نازەربايېۋ  يېقىن شەرق ۋە ئافرىقا رايونلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئافغانىستان، ئىراق، ئۇكرائىنا ۋە تاغلىق قاراباغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەر شارى خاراكتېرلىك يېرىكچىلىكلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى قوراللارغا بولغان تەلەپنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەربىي خىراجەتنىڭ ئالدىنقى يىلى 1 تىرىلىيون  700 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر