كەركۈكنىڭ يېڭى ۋالىيسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىراق مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى، كەركۈكنىڭ سابىق ۋالىيسى نەجمۇددىن كەرىمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا دائىر قارارنى ماقۇللىدى.

كەركۈكنىڭ يېڭى ۋالىيسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مەمۇرىي ئىشلار مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كەرىمنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى، سوتنىڭ مەسىلىگە قاراپ چىقىش ئارقىلىق  سابىق ۋالىي كەرىمنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق پارلامېنتى، نەجمۇددىن كەرىمنى بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، 14 – سېنتەبىردە ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى كەركۈكنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىدىن كېيىن، شەھەرگە مۇئاۋىن ۋالىي راكان سائىت جۇبۇرىنى ۋالىيلىققا تەيىنلىگەنىدى. جەبۇرىي تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بۈگۈندىن باشلاپ مەركىزىي باغداد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋالىيلىققا تەيىنلەندىم. بىر ۋالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەھەر رىتىمىنىڭ قايتىدىن نورماللىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر