قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

پايتەخت ئالماتادىن 43 كېلومېتىر يىراقلىقتا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قازاقىستاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا «Tehman 2002» تىپلىق مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سېلىنما ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق خەلق ئاۋېئاتسىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئايروپىلاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن 43 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ئازەم ئايرودورۇمى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئايروپىلاننىڭ خەلق ئاۋېئاتىسيە ئاكدېمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكى، ۋەقەدە 2 ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سېلىنما ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر